باش بەت

ئوغلان0996

2932يوللانما
12مەستانە

ئادەمنىڭ ھاياتىدا يەتتە خەتەرلىك مەزگىل بولىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:21 0 ئىنكاس چۈشتى


تېببىي تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشچە، ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى خەتەرلىك مەزگىل ئاساسى جەھەتتە ۋاقىت ئالاھىدىلىكى ۋە ياش ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدىكەن.

ۋاقىت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەتەرلىك مەزگىل:

تاڭ ئېتىش پەيتى:

ئورگانىزم فىزىئولوگىيەسىنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، تاڭ سەھەردە قان بېسىمى يۇقىرى ئۆرلەپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىدا ئۇشتۇمتۇت كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، يۈرەك كېسىلى، سەكتە ئەتىگەن سائەت ئونغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىمارلار پۈتۈن بىر كۈندىكىنىڭ %60-%80كىچە نىسبىتىنى ئىگىلەيدۇ.

ئاي تولغان ۋاقىت:

ئادەم ئورگانىزىم فىزىئولوگىيىسىنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، دېھقانلار كالېندارىنىڭ 15 كۈن ئالدى ئارقىسىدا، ئادەم بەدىنىنىڭ %80ى سۇ بىلەن پۈتكەن بولغانلىقتىن، ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن، بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدا ھۆللۈك ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ. ئاي تولۇشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قان بېسىمى ئۆرلەپ، ئاسانلا مېڭە قان تومۇرلىرىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

يىل ئاخىرى:

12-ئاي بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ، مېدىتسىنا  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئۆلۈم يېتىم ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاي 12-ئاي ئىكەن. بۇ سوغۇق ھاۋا، شاۋقۇنلۇق مۇھىت ۋە روھى جەھەتتىكى جىددىيلىك، شۇنداقلا مېتابولىزمنىڭ تۆۋەن بولۇشىمۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.

جورىسى ئۆلۈپ يېرىم يىلدىن كېيىن: 

تېببىي تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ياشانغانلاردا جورىسى ئۆلۈپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئارقا ئارقىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى كۆپ كۆرۈلگەن، ئەگەر بۇنداق خەتەرلىك مەزگىلدە ئۆز ئۆزىگە تەسەللى بەرسە، خېيىم خەتىرى زور دەرىجىدە ئازىيىدىكەن.

ياش ئالاھىدىلىكىنىڭ خەتەرلىك مەزگىلى:

45 ياشتىن 55 ياشقىچە: ھاياتلىق ئىلمى تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئادەمنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسى قېرىلىق مەزگىلگە قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن، ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلغا بۆلۈنىدىكەن.

ساغلام مەزگىلى:0 ياشتىن 35 ياشقىچە.

كېسەل قوزغىلىش مەزگىلى:45 ياشتىن 55 ياشقىچە.

بىخەتەر ئۆتۈش مەزگىلى: 55 ياشتىن 65 ياشقىچە.

شۇڭلاشقا ئوتتۇرا ياش، يەنى 45 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان مەزگىل كېسەل كۆپ يۈز بېرىدىغان ئەڭ خەتەرلىك مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.

ياش تىببىي ئالىملار شۇنى بايقىدىكى، فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدار ھەر يەتتە يىلدىن سەككىز يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم چېكىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھالقىلىق چېكىنىش 56 ياشتا يۈز بېرىدىكەن. چۈنكى، يەتتە يىل ياكى يەتتە سەككىز يىل بولۇشتىن قەتىينەزەر، جەزمەن 56 ياشتا يۈز بېرىدىكەن. ئالىملار ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچى، كەيپىياتى ۋە ئەقلى تۆۋەن مەزگىلى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغاندا، ھەممە ئادەمنىڭ يېشىدا يۇقىرى تۆۋەن باسقۇچنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشى ئەڭ كۆپ بولغان. شۇڭلاشقا تېببىي ئالىملار 56 ياشنى خېيىم-خەتەر تەرەپ-تەرەپتىن كېلىدىغان، ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدىغان، ئەڭ خەتەرلىك ياش دەپ قارىغان.

70 ياشتىن 79 ياشقىچە: تېببىي تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئون يىل ھېسابلىنىدىكە، بۇ مەزگىلدە ئۆزىنى كۈتۈشكە ماھىر بولسىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号