باش بەت

مەمەتجان

599يوللانما
5مەستانە

ئاپتوموبىل بېسىۋەتكىلى تاسلا قالغان بېرما بوغما يىلىنى قۇتقۇزۇۋېلىندى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:14 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 13-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇخبىرنىڭ 13-سېنتەبىر يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا ئوبلاستلىق ئورمان ج خ ئىدارىسى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بىرەيلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا، ئاپتوموبىل دۆلەت تەرىپىدىن 1 -دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان بېرما بوغما يىلىنىدىن بىرنى بېسىۋەتكىلى تاسلا قالغان. شۇ ئىشتىن كېيىن، شۇ جايدىكى ساقچىلار بۇ يىلاننى قۇتقۇزۇۋالغان.

11-سېنتەبىر كەچتە، ساقچىلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىرەيلەننىڭ چوڭ بىر بوغما يىلاننى بېسىۋەتكىلى تاسلا قالغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرھال نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، يېقىن ئەتراپتىكى دەرەخلىكتە يوشۇرۇنۇپ ياتقان، ئۇزۇنلۇقى 2.6 مېتىر، ئېغىرلىقى 7 كېلوگرام كېلىدىغان بېرما بوغما يىلىنى بايقالغان. ساقچىلار ئۇنى شىشۇاڭبەننا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا ئەكىلىپ قويۇۋەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号