باش بەت

ئوغلان0996

2931يوللانما
12مەستانە

تاماكا تاشلاشنىڭ مۇنداق پايدىسى بارلىقىنى بىلەمسىز؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:00 4 ئىنكاس چۈشتى

بىر كۈن تاماكا تاشلاشنىڭ يۈرەك، قان بېسىمى ۋە قان سۇيۇقلۇقى سىستېمىسىغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بىر يىل تاماكا تاشلىغاندا تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش يۈرەك كېسەللىكىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق خەتەر دەرىجىسى داۋاملىق تاماكا چەككەنگە قارىغاندا يېرىمى ئازلايدۇ، تاماكا تاشلاپ 5-15يىلغىچە سەكتىنىڭ خەتىرى تاماكا چەكمىگەن چاغدىكى سەۋىيىگە يېتىدۇ، تاماكا تاشلاپ ئون يىل بولغاندا، ئۆپكە راكقا گىرىپتار بولۇش خەتىرى داۋاملىق تاماكا چەككەنلەرگە قارىغاندا يېرىمى ئازلايدۇ، تاماكا تاشلاپ ئون بەش يىل بولغاندا تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش يۈرەك كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆلۈم خەتىرى تاماكا چەكمەيدىغان چاغدىكى سەۋىيىگە يېتىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا تاشلىسىڭىز ھەرگىز كېچىكمەيسىز، ئەڭ ياخشىسى ساغلاملىقىڭىش ئېغىر زىيانغا ئۇچراشتىن ئاۋۋال تاماكا تاشلاڭ.

تاماكا تاشلاشنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك پايدىسى:

تەم سەزگۈسى ياخشىلىنىدۇ: 

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن، تىلدىكى سېزىش نېرۋىسىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئەسلىگە كېلىدۇ، تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك تەمىنى تېتىغىلى بولىدۇ.

ئېغىز پۇراش يوقايدۇ:

تاماكا چېكىدىغانلار گەپ قىلغاندا ئېغىزدىن تاماكىنىڭ ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان سېسىق پۇرىقى چىقىدۇ، تاماكا چېكىدىغانلار ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئۆزلىرىمۇ ئاغزىدا غەيرى بىر خىل سېسىق پۇراقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىن ئېغىز پۇراش يوقايدۇ.

چىش ئاقىرىدۇ:

تاماق چەككۈچىلەرنىڭ چىشى ئادەتتە سارغۇچ قارامتۇل بولىدۇ، تاماكا چېكىشنى توختاتقاندىن كېيىن، تاماكا دېغى تەدرىجىي يوقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى روشەن ئازىيىدۇ.

يۆتەل ۋە بەلغەم ئازىيىدۇ:

تاماكا چەككەندە تاماكا ئىسى نەپەس يولىنى غىدىقلاپ، نەپەس يولىدىكى تۈكلەرنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۆتىلىدۇ ھەم بەلغەم تۈكۈرىدۇ. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن، تۈكچىلەرنىڭ نورمال ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ ، بەلغەم ئازلاپ، يۆتەلمۇ توختايدۇ.

قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ:

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، قان بېسىمى 10-15مىللىمېتىر  سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلەيدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش،تاجىسىمان ئارتېرىيە  بوتقىسىمان قېتىش يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

بەدەن تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ:

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى 2-12ھەپتىگىچە بەدەننىڭ قان ئايلىنىش ئىقتىدارىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پىيادە مېڭىش، يۈگۈرۈش قاتارلىق بارلىق تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى ئاسانلىشىدۇ، تاماكا تاشلاش ئېممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قالماي، ئادەم بەدىنىنىڭ زۇكامغا تاقابىل تۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى ئوكسىگېن كۆپىيىپ، ئادەم ئاسانلىقچە چارچاپ قالمايدۇ، باش ئاغرىش ئېھتىماللىقى ئازىيىدۇ.

تاماكا تاشلاشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پايدىسى:

راكقا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ:

تاماق تاشلاپ 5-10يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئازراق يۇقىرى بولۇپ، تاماكا تاشلاپ 10-15يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارغا ئوخشاش بولىدۇ.

ياپونىيەنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئومۇمىي چەككەن تاماكا سانى 200مىڭ دانە ئىچىدىكىلەرنىڭ تاماكا تاشلاپ تۆت يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تاماقا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشلىق يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ:

تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشلىق يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشلىق يۈرەك كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى روشەن تۆۋەنلەيدۇ. تاماكا تاشلاپ 10يىلدىن كېيىن بۇ نىسبەت تۆۋەنلەپ تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە بولىدۇ.

تېرىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ:

تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە تاماكا تاشلىغاندا يۈز قىسمىنىڭ قېرىشنى ئاستىلىتىپ قورۇق چۈشۈشنى كېچىكتۈرىدۇ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ تېرىسى ئوكسىگېن قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشكەچكە، تېرىنىڭ قېرىشنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ. تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ يۈز تېرىسى ئادەتتە تۇتۇق سېرىق رەڭدە بولىدۇ، تاماكا تاشلىغاندا تۇتۇق يۈز تېرىسىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ:

ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ بېسىمى ئازراق تۆۋەنلىگەن، نىكوتىنغا خۇمار بولۇپ قالغان بەڭگىلەر تاماكا چېكىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلەتمەكچى بولۇشىدۇ. ئەكسىچە، تاماكا چېكىش كىشىلەرگە ۋاقىتلىق قانائەت قىلىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ، خۇشاللىق تۇيغۇسى ئىنتايىن تېزلا يوقايدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بېسىمنى ھەقىقىي يېنىكلەتكىلى بولمايدۇ. تاماكا تاشلىغاندىلا بەدەندىكى ئوكسىگېن  سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇمۇ كىشىلەر تاماكا تاشلىغاندا دىققىتىنى تېخىمۇ يىغىۋالغىلى بولىدىغانلىقىدىن، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تۇغۇت ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:

تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتى تاماكا چېكىدىغانغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. تاماكا تاشلىغاندا ئاياللاردا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ياخشىلىغىلى، ئەرلەردە ئۇرۇقنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭ پروبىركىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداقلا بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى تاماكا تاشلىغان ئاياللارنىڭ ساغلام بوۋاق تۇغۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ:

ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەنلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك كېسەللىكى ، ئۆپكە راكى ۋە سوزۇلما كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئوتتۇز ياشتا تاماكا تاشلىغاندا، ئۆمۈرنى10يىل  ئۇزارتقىلى بولىدۇ، ئەگەر ئاتمىش ياشقا بارغاندا ئاندىن تاماكا تاشلىسىمۇ ئۆمرىنى يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا تاشلىسىڭىز كېچىكمەيسىز. تاماكا تاشلىسىڭىز ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولۇپ قالماي، ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ئاغرىق ئازابسىز، ئەركىن ئازادە، تېخىمۇ خۇشال ئۆتكۈزەلەيسىز.

سەزگۈنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ:

تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى تاشلىسىڭىز، پۇراش ۋە تەم سەزگۈڭىزنى ئاز تولا يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن نەچچە يۈزلىگەن زىيانلىق خىمىيەلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈپ، قاشاڭ بولۇپ قالغان ئادەم بەدىنى تەدرىجىي ئىلگىرى نورمال سەزگۈ ھالىتىگە قايتىدۇ.

ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ ساغلام بولىدۇ:

تاماكا تاشلىسىڭىز ئاشۇ تاماكا چەكمەيدىغان ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىيالايسىز، پاسسىپ تاماكا چېكىش، ئۆپكە راكى، يۈرەك كېسەللىكى ۋە سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئىككىلەمچى تاماكا چېكىدىغان بالىلارنىڭ ئىككىلەمچى تاماقا چەكمەيدىغان بالىلارغا قارىغاندا ، كۆكرەك بوشلۇقى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ بالىلاردا ئاسانلا قۇلاق قىسىم ياللۇغلىنىش، دەم سىقىلىش ۋە زىققا كۆرۈلىدۇ. تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن بىللە تۇرىدىغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، پاسسىپ تاماكا چېكىدىغان بالىلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا تاماكا تاشلاش ئۆز ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن بولۇپلا قالماي ، يەنە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈندۇر.

تاماكىنى ئۈزۈل كېسىل تاشلاش ياكى تاماكا چېكىش قېتىم سانىنى تەدرىجىي ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ، تاماكىنى ئادەتتە 3-4ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاشلىۋەتكىلى بولىدۇ.

ئىلگىرى تاماكا چېكىشكە ئادەتلەنگەن جايلارغا ئاز بېرىش، تاماكا چېكىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئىككى ۋاخ تاماقنىڭ ئارىلىقىدا 6-8ئىستاكان سۇ ئىچكەندە نىكوتىننى بەدەن سىرتقا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

ھەر كۈنى ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش، تاماكا خۇمارىغا چىدىمىغان چاغلاردا دەرھال مۇنچىغا چۈشۈش لازىم.

تاماكا تاشلاشنىڭ ئالدىدىكى بەش كۈن ئىچىدە يېتەرلىك دەم ئېلىش، تۇرمۇشنى قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.

تاماقتىن كېيىن سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىش، 30مىنۇتقىچە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش لازىم.

غىدىقلاش خاراكتېرلىك ئىچىملىكنى ئىچمەسلىك، كالا سۈتى، ساپ مېۋە شەربىتى ۋە دان تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش، ياغدا قورۇلغان يېمەكلىكلەر، كەمپۈت ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم، B تۈردىكى كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى يەپ بەرگەندە، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، نىكوتىننى يوقاتقىلى بولىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • H+M= βã ん í ㄒ4 كۈن ئىلگىرى

    قانداق قىلغاندا تاماكا تاشلىغلى بولدۇ

  • مۇزات19705 كۈن ئىلگىرى

    تاماكا چېكىش پۈتكۇل ئىنسانىيەتكە زىيانلىق،شۇڭا تاماكىنى قەتتئى چېكىشكە بولمايدۇ

  • ئوغلان6 كۈن ئىلگىرى

    بولدى،مەن بۈگۈندىن باشلاپ تاماكا تاشلايمەن.بۇ خەۋەرنى ناھايتى ياخشى يېزىپتۇ،كاللام ئېچىلىپ قالدى.

  • ئۈمۇت6 كۈن ئىلگىرى

    ئەجەپ ئېسل تما ئىكەن قەلەم تەۋرەتكۇچلەرگە رەخمەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号