باش بەت

نۇسرەتگۈل

6502يوللانما
55مەستانە

تور چولپىنىغا ئايلانغان «كېنگورۇ مۈشۈك»نىڭ يېڭى تۇرمۇشى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:58 4 ئىنكاس چۈشتى



بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۈرەتتىكى مۈشۈكنىڭ ئىسمى كانگا. 3 يىل ئىلگىرى، ئۇ ئەرمەك ھايۋانلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. تۇغما مېيىپ بولغاچقا بۇرۇنقى ئىگىسى تاشلىۋەتمەكچى ھەم دوختۇرخانىدا ئازابلىماي ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغانىدى.

ئۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا بىر ئايلىق بولغانىدى، ئالدى پۇتى يان سۆڭىكى بىنورمال يېتىلىپ قالغان بولغاچقا تايىنىپ تۇرالمايتتى.

شۇ چاغدا، ئەرمەك ھايۋاناتلار دوختۇرخانىسىدىكى ئاقكۆڭۈل بىر كىشى بۇ «كېنگورۇ» مۈشۈكنىڭ بىچارىلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزى بېقىۋېلىشقا ئامالسىز قالغاچقا، شۇ جايدىكى ئەرمەك ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇش ئورنىغا تېلېفون قىلىپ قويدى. ئۇ يەردىكى خادىملار تېزلا كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئالدى پۇتى بىلەن قۇتقۇزغۇچىسىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشقا تىرىشىپ، قاراپ تۇرغانلارنى تەسىرلەندۈرۈۋەتكەنىدى.

2014-يىلى 6-ئايدا جويسى ئىسىملىك بىرەيلەن قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇنى بېقىۋالدى. ئۇنىڭ قەيسەرلىكى بۇ ئائىلىدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ يېڭى ئائىلىگە ئىگە بولدى. ئۇ يېڭى ئۆيىگە كەلگەن تۇنجى كۈنى ئىگىسىگە ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى. ئالدى پۇتى مېيىپ بولسىمۇ، بېرىپ ئىگىسىنى قۇچاقلاپ قويدى.

يېڭى ئائىلىدە، ئۇ باشقا ھەمراھلىرى بىلەن تونۇشتى. مېيىپلىقىدا باشقا مۈشۈكلەرگە ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى.

«ئاچىسى» سىكىتوس دەسلەپتىلا ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالغانىدى.

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇمۇ چوڭ بولدى. ئاۋۋالقىدەكلا تۆت پۇتلاپ مېڭىشقا ئامالسىز بولسىمۇ، داۋاملىق ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى.

ئىگىسى ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى سىنغا ئېلىپ تورغا يوللىدى. نۇرغۇن تورداشلار بۇ كىچىك جانىۋارغا ئامراق بولۇپ قالدى.

ئۇ باشقا ھەمراھلىرىغا ئوخشاش يېتىپ تۇرۇپ نەرسە يېيەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئۈستەل قويۇپ بەرسە بولغۇدەك.

ئەلۋەتتە، ئۇمۇ باشقا مۈشۈكلەرنى دوراپ ئالدى پۇتلىرىنى ئىشلىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئىگىسىمۇ ئۇنىڭغا باشقىچە كۆيۈنۈپ، كۆڭۈل بۆلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، بىر تۇغما مېيىپ مۈشۈك ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمى ۋە ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى بىلەن يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تورداش8812 كۈن ئىلگىرى

    مەن مۈشۈككە بەكلا ئامراق،،، مۈشۈك بولسىلا بىقىۋاغۇم كىپ كىتىدۇ،،،،،

  • ھۇررا5 كۈن ئىلگىرى

    ئىسىل ئېېېېېېېېېي

  • ئشەنچ6 كۈن ئىلگىرى

    مېھرى-مۇھەببەت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.

  • مارجانە6 كۈن ئىلگىرى

    بەكمۇ ئوماقكەن،مەن مۈشۈككە بەك ئامراق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号