باش بەت

رازى

1583يوللانما
37مەستانە

تورغا چىقىدىغان پۇل غەملەش ئۈچۈن، ئىككى بالا ئۈچ توننا پولات ماتېرىيالى ئوغرىلىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:59 1 ئىنكاس چۈشتى

ئازراق پايدىغا ئېرىشكەن قاراۋۇل بوۋاي ئىككى بالىغا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ نەچچە توننا پولات ماتېرىيالى ئوغرىلىشىغا ياردەم قىلغان. ۋۇخۇ ساقچىخانىسى تۈنۈگۈن يۇقىرىقى پولات ماتېرىياللىرى ئوغرىلاش شايكىسىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

5-چېسلا، ۋۇخۇ ساقچىخانىسى شىنخۇا يولىدىكى مەلۇم بىر پولات ماتېرىياللىرى ئامبىرىغا ئوغرى كىرگەنلىكى ھەققىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئامبار ئەتراپىدا كۆزەتكۈ يوق بولۇپ، ساقچىلار ئوغرىلارنىڭ بۇنچە كۆپ پولات ماتېرىيالىنى قوغدىغۇچىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئوغرىلاپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلاپ، قاراۋۇلدىن بۇ ئىشنى سورىدى. سوئال-سوراق جەريانىدا، قاراۋۇل بوۋاي تېزلا ھەممىنى ئىقرار قىلدى. ئۇ ئىچىدىن ماسلىشىپ، ئىككى بالىنىڭ ئوغرىلىقىغا ياردەملەشكەن ئىدى.

ئەسلىدە چېن فامىلىلىك، 16 ياشلىق بالا تورغا چىقىدىغان پۇل غەملەش ئۈچۈن 17 ياشلىق، ليۇ فامىلىلىك دوستى بىلەن بىللە پولات ماتېرىيالى ئوغرىلاپ پۇل قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىككىيلەن ئامبارنىڭ ئىشىكىگە قارايدىغان بوۋاينى تېپىپ، ئۇنىڭغا پايدا بېرىدىغان بولۇپ، 300 يۈەن قىممىتىدىكى پولات ماتېرىيالىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. 7-چېسلا، ئىككەيلەن يەنە ئامبارغا كېلىپ، بوۋايغا بىر قاچا تاماق، ئىككى بوتۇلكا ھاراق بەرگەن. ئارقىدىن، ئۇلار ئۇدۇللا زاڭ مال سېتىۋالغۇچىلارنى ئامبارغا باشلاپ كېلىپ، ئۈچ توننا پولات ماتېرىيالىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.

دېلو بېجىرگۈچى ساقچى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئوغرىلانغان ماتېرىيال كۆپ بولغاچقا، يىغقۇچىلار زاڭ مالنى چوڭ تىپتىكى كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتىغا ئاپىرىپ ساتىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. ساقچىلار مەلۇم بىر كېرەكسىز ماتېرىيال يىغىش پونكىتىنىڭ كۆپ مىقداردا پولات ماتېرىيالى يىغىۋالغانلىقى، كېيىن بۇ ماتېرىياللارنى چىڭشەن رايونىغا سېتىپ بەرگەنلىكىنى تېزلا ئىگىلىگەن. ئۇلار دەرھال ھەرىكەتلىنىپ ئىككى يولغا بۆلۈنگەن، بىر يولدىكىلەر چىڭشەنگە بېرىپ زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كەلگەن، يەنە بىر يولدىكىلەر زاڭ مال يىغىۋالغان 46 ياشلىق يى فامىلىلىكنى قولغا ئالغان.



باش سۈرەت تاللاش x
  • قىزىقچى6 كۈن ئىلگىرى

    ماڭا ئۇخشايدىكەن كىچىك ۋاختىمدا مەن مۇ شۇنداق قىلاتتىم تور خانقغا كىرىش ئۇچۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号