باش بەت

نۇسرەتگۈل

6502يوللانما
55مەستانە

مېكسىكىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن قۇتقۇزۇشقا ماڭغان تىك ئۇچارى ۋەقەگە يولۇقتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:22 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگۇ ئاخبارات تورى 13-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تور بېكىتىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېكسىكىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى ئېلىپ ماڭغان بىر ھەربىي تىكئۇچار چىياپاس ئىشتاتىغا كەلگەندە ۋەقەگە يولۇقۇپ، 3 ئادەم يارىلانغان.

مېكسىكا فېدىراتسىيەسى جىددىي ياردەم بېرىش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى لۇيىس فىلىپ: «دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تىك ئۇچارى ۋەقەگە يولۇقتى. بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش بولمىدى. تىك ئۇچاردىكى 7 ئادەمدىن 3ى يارىلاندى، ئۇلار ھازىر داۋالىنىۋاتىدۇ» دېدى.

چىياپاس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى مانۇئېل ۋېلاسكو: «بىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ ماڭغۇچە ۋەقەگە يولۇققان ھەربىيلەرگە ھېسداشلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.

شۇ يەر ۋاقتى 7-سېنتەبىر مېكسىكىدا 8.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 10-سېنتەبىرگىچە 90 ئادەم قازا قىلغان. مېكسىكا يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش مەركىزى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش چىياپاس ئىشتاتىدىكى تونارا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 137 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە بولغان بولۇپ، 10-سېنتەبىر چۈشكىچە 928 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن، ئەڭ كۈچلۈكى 6.1 بال بولغان.

مېكسىكىنىڭ شۇ جايدىكى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر ئوئاكساكا ئىشتاتى ۋە چىياپاس ئىشتاتلىرىدىكى 2 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم يەر تەۋرەشنىڭ زىينىىغا ئۇچرىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号