باش بەت

durdana

1066يوللانما
56مەستانە

يارامسىز چىقىپ قالغان چولپان بالىلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 08:00 2 ئىنكاس چۈشتى

جېڭ يۇڭئېن، جېڭ شاۋچىيۇ بىلەن گۈەن جىڭخۇانىڭ قىزى. جېڭ يۇڭئېن كىچىكىدىن ئەتىۋارلانغان، لېكىن مىجەزى ئوسال بولۇپ، تولا لايىق ئالماشتۇرۇپ يۈرگەن، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تۇرمۇشى تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن.

فاڭ زۇمىڭ چېڭلۇڭنىڭ ئوغلى. ئۇ بالدۇرلا تاماشا ساھەسىگە كىرگەن، چېڭلۇڭمۇ ئۇنىڭغا كۆپ يول كۆرسەتكەن، لېكىن ئۇنىڭ قاملاشمىغان ئىشلىرى جىق بولۇپ، دادىسى زەھەر چەكلەش ئەلچىسى تۇرۇپ، ئۆزى زەھەر چېكىپ تۈرمىگە قامالغان.

جېڭ شىنيى: ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، جېڭ شىنيى بىر مەزگىل يوقاپ كەتكەن، كېيىن ئۇنىڭ كېچىلىك بەزمىخانىدىكى رەسىملىرى ئاشكارىلانغان. ئۇ لايىقىنىڭ ئانىسىنىڭ مىراس دەۋاسىنى قىلغان، كېيىن يەنە يولىنى تېپىۋېلىپ، ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىغا قاتناشقان ۋە پۇل تېپىپ ئۆزىنى قامدىغان.

جاڭ مو جاڭ يىمۇنىڭ قىزى. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ئامېرىكىلىق لايىقى بىلەن توي قىلغان، لېكىن تۇرمۇشى بەختسىز بولغان. ئېرى ئۇنىڭغا زوراۋانلىق ئىشلەتكەچكە، ئامالسىز ئاجرىشىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.

سۈن گوخاۋ چىن خەن بىلەن شاۋ چياۋيىننىڭ ئوغلى. ئۇ تاماشا ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن، مىجەزىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن نۇرغۇن پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالغان. ئۇ ئادەتتە بېرىشقا ئەڭ ئامراق جاي كېچىلىك بەزمىخانا ئىكەن.

جاڭ مو جۇڭگو تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندا لايىقىنى ئۇرۇپ يۈز-كۆزىنى كۆكەرتىۋەتكەن. مەكتەپتىن ھەيدەلگەندىن كېيىن، دادىسى بىلەن كىنوچىلىققا كىرىشكەن. كېيىن زەھەر چېكىپ قېلىپ، دادىسىغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق سالغان.

 

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • 132******452 ئاي ئىلگىرى

    جاڭ مو جاڭ گولىنىڭ ئوغلى شۇ ، جى شىياۋلەننىڭ رولىىنى ئالغان ئارتىس دەل جاڭ گولى

  • ؟؟؟2 ئاي ئىلگىرى

    ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چا قۇيروق دەپ ماۋۇ جاڭ مو بىلەن جاڭ يىمۇنىڭ ئىشىنى دەڭلار.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号