باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

ھىندىستانلىق ئەر يانفون ۋە ھاراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر ياشقىمۇ كىرمىگەن ئوغلىنى سېتىۋەتتى

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:58 40 ئىنكاس چۈشتى

خەلقئارا خەۋەرلەر تورى 13-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 12-سېنتەبىر ئورىسسا ئىشتاتى بادراك رايونى ساقچىلىرى يانفون ۋە ھاراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن 11 ئايلىق ئوغلىنى سېتىۋەتكەن بىر ئەرنى قولغا ئالغان.

بالارام مۇكى (Balaram Mukhi) ئوغلىنى 23 مىڭ رۇپىيەگە سېتىۋەتكەندىن كېيىن، 2000 رۇپىيەگە بىر يانفون سېتىۋالدى، 1500 رۇپىيەگە 7 ياشلىق قىزىغا كۈمۈش پۇت زەنجىرى ئېلىپ بەردى، قالغان پۇللارنى ھاراق ئىچىشكە سەرپ قىلدى. ساقچىلار ئۇنىڭ ئايالىدىن ئۇلارنىڭ 10 ياشلىق يەنە بىر ئوغلى بارلىقىدىن خەۋەر تاپتى. بادراك رايونىنىڭ ساقچىسى ئانۇپ (Anup Sahoo) بۇ ئەرنىڭ رەسمىي خىزمىتى يوقلۇقى، تازىلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بالارامنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشىمۇ بۇ جىنايەتكە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەندى.

ئۇلار بالىنى 60 نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان بىر جۈپ ئەر-ئايالغا سېتىۋەتكەنىدى. سومناس سېسى (Somnath Sethi) ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ئايالى ئىككەيلەن 2012-يىلى 24 ياشقا كىرگەن ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇلار ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ئايالى ئىزچىل ئېچىلالماي كەلدى. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنىڭ كۆيۈك ئازابىنى باسماقچى بولغانىدى. ساقچىلار بۇ ئەر-ئايالنىڭمۇ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 無所谓,,,2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخاننىڭ ئەجدادى ھىندىستانلىق ئوخشايدۇ،،، قىلىقلىرى ئوخشىشىپ كىتىدىكەن ! توۋا

  • مەن سەن2 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋو ھىندىنىڭ بالىسىنى سېتىپ تىلفون ئالىدىغانلىغىنى بىلىدىكەنسىز ، ، سۇرخان دىگەن قىزچاق سىز نىمىڭىزنى سېتىپ ئالغان تىلفوننى

  • تۇلپار2 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە سۇرخان ساق ،ئۇ ئۆزىدىن باشقىلارنى ساراڭ دەپ ئويلايدۇ ،

  • ئەسكى Y2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ سۈرخان دىگەن ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىن قېچىپ چىققان كېسەل ئوخشايدۇ،

  • جىسىم2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ سۈرخان دىگەن ئاداشنى دەسسەپلىۋەتسەم دەيمەن

  • شەھلا2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخاننىڭ مەخسىتى بىزنى جىلە قىلش،،پەقەت خىجل بولمايدىكەنسىز سۈرخان ،شۇنچىۋالا ئىنكاسنى ئۇقۇپ تۇرۇپمۇ،،كىسلىڭىز ساقايماقتا يوق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتۋاتامدۇ قانداق

  • $ياسىنجان$2 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭ ھىندىستانلىق ،قىز بالا بەرسە ئۆلتۈرۋەتسە ،ئوغۇل بالا بەرسە سىتىۋەتسە ،ئەمدى بۇلارغا نىمە بەرسە بولار،ھە راسىت بۇلار غا كالىن باشقىسى بىكار ،ئادەمنى بىر كالىچىلىكمۇ كۆرمەيدۇ ،ئاڭلىسام ھىندىستاندا ئۆزى يىمىگەننى كالىغا يىگۈزەرمىش ،لىكىن يا ئىتىزدا قوشقا قاتمايدىكەن ،يا ئۆكۈز ھارۋىسىغا قاتمايدىكەن ،ئاتا ئانىسىدىنمۇ ئەتىۋا ،بالىسىدىنمۇ ئەتىۋا بىلەرمىش
    .

  • نىمە كارىم2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ سۈرخان سامسۇڭ تىلفون ساتىدىغان ئوخشايدۇ

  • بەخىتيار2 ئاي ئىلگىرى

    سۇرخان تۇققىنىم بىر يەلىرىڭىز بىر قايدامۇ يا كاللا دىسە پاچاق دەپ سۆزلىگىلى تۇرۇپسىزغۇ

  • ئەجنەبىي ؟؟؟2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان ياخشىسى ئۆزۈڭنى تەكشۈرت ،ئۇلاغ بازىرىغا بارساڭ جىنسىڭىنى دەپ بېردۇ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号