باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8771يوللانما
423مەستانە

مېي يەنفاڭنىڭ 94 ياشلىق ئانىسى يەنىلا تورداشلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنى قوزغىيالمىدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:40 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مېي يەنفاڭنىڭ 94 ياشلىق ئانىسى تەن مېيجىن ئاۋۋالقىدەكلا قىزىنىڭ مىراسىنى تالىشىش يولىدا «كۈرەش» قىلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە بىر ئەۋلاد گىگانت چولپان مېي يەنفاڭنىڭ قازا قىلغىنىغىمۇ  10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق تا ھازىرغىچە ئانىسى سەۋەبلىك بەس-مۇنازىرە ئوبېيكىتىغا ئايلىنىپ كەلدى.

مېي يەنفاڭ قازا قىلغاندا 30 مىليوندىن 35 مىليون شياڭگاڭ پۇلىنى مىراس قالدۇرغان بولۇپ، تا بۈگۈنگە قەدەر قىممىتى 100 مىليونغا يەتكەن دەپ قارالدى. ۋەسىياتنامىدە، مېي يەنفاڭ ئاپىسىنى ھەر ئايدا 70 مىڭ يۈەن تۇرمۇش پۇلىغا ئېرىشىدۇ، دېيىلگەن.

سۈرەتتە، تەن مېيجىن قىزىنىڭ موم ھەيكىلىگە قاراپ ياش تۆككىنىچە، تۇرمۇشىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇنىڭغا ئوخشاش جېدەللەرنى بىزدەك «ئارىلاشقاق بىكارچىلار»نىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشىمۇ ئەمەس. بۇ موماي ئىلگىرى قىزىنىڭ خۇسۇسىي بۇيۇملىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، ھەتتا دۇنيانى ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر قېتىمدىلا 800 مىڭ يۈەن تۇرمۇش پۇلىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلغان.

شۇڭلاشقىمىكىن، بۇ ئايال كامېرا ئالدىدا مەيلى قانچىلىك بىچارە بولىۋالسۇن، بىراق ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلمايدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تۇرمۇش پۇلى يەتمىگەچكە، تەن مېيجىن قىمارغا خۇمار بولۇپ قالغان. ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، بۇ ياشىنىپ قالغان ئايالنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەنمۇ سەرخىل ئىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • بەختىم سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھۆرمەتلىك تەھرىرلەر خاپا بومماي قارا سەۋدا توغۇرلۇق ياكى بوممىسا شۇ كىنۇدىكى نىھان كەمال توغۇرلۇق خەۋەر بەسەڭلاچۇ شۇ كىنۇ تۇگىگەندىن كىيىن خەۋەرلىرى بىراقلا ئۇزلۇپ قالدى تورداشلا تۇركىيە خەۋەرلىرنى قايسى تور بەتتىن كۆرىدۇ بىلدىغانلا دەپ بەسەڭلاچۇ

  • مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ.1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاچكۆز ئادەمنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号