باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10374يوللانما
783مەستانە

ۋاڭ باۋچياڭنىڭ سابىق ۋاستىچىسى سۇڭ جې قولغا ئېلىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:10 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بۈگۈن ئىگىلىشىچە، ۋاڭ باۋچياڭنىڭ سابىق ۋاستىچىسى سۇڭ جې ئۇنىڭ ئاجرىشىش دېلوسىغا چېتىشلىق سەۋەبلىك يېقىندا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن. 2016-يىل 14-ئاۋغۇست، ۋاڭ باۋچياڭ تۇيۇقسىز ئاجرىشىش باياناتنامىسىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى ما روڭنىڭ ۋاستىچىسى سوڭ جې بىلەن يولدىن چىققانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئاجراشماقچى شۇنداقلا، سۇڭ جې بىلەنمۇ ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ۋاڭ باۋچياڭ سوت مەھكىمىسىگە ئايالى ما روڭنىڭ ئۈسىتدىن ئاجرىشىش ئەرزنامىسىنى سۇنغان. ما روڭمۇ ئادۋوكاتىغا ھاۋالە قىلىپ، ۋاڭ باۋچياڭنى نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىپ، مىكرو بىلوگنى ئۆچۈرۈپ، 30 كۈن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان. بۇلتۇر 18-ئۆكتەبىر، ۋاڭ باۋچياڭ بىلەن ئادۋوكاتى بىرلىكتە سوتقا قاتناشقان. بۇ ئىش ئۆتۈپ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بېيجىڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن ئىگەللىشىچە، ۋاڭ باۋچياڭنىڭ سابىق ۋاستىچىسى سۇڭ جې نۆۋەتتە قولغا ئېلىنغان.

2016-يىل، 29-ئاۋغۇست، سۇڭ جېنىڭ ئاجرىشىش دېلوسى جاۋياڭ سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلغاندا، ياڭ خۇي  مۇخبىرلارنىڭ ئورىۋېلىپ، سوئال سورىشىغا ئۇچرىغان. سۇڭ جېمۇ يۈز قېتىمدىن ئارتۇق ياتاق ئاچقۇزغانلىق ئىشىغا جاۋاپ قايتۇرغان. 15-ئاۋغۇست، ۋاڭ باۋچياڭ رەسىمي يوسۇندا بېيجىڭ جاۋياڭ سوت مەھكىمىسىگە ئايالى ما روڭ ئۈستىدىن ئاجرىشىش ئەرزىنى سۇنۇپ، ۋاستىچىسى سوڭ جې بىلەن ئايالى ما روڭنىڭ نامۇۋاپىق مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىغان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەنجىلىنا جۇلى2 ئاي ئىلگىرى

    ئوبدان ۋاستىچىكەندە ئۇ جاجىسىنى يىگۇدەك ئەمىسە

  • 嘻嘻哈哈2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ شۈسەندوغا بەك ئەلەم قىلدى جۇمۇ

  • 135******802 ئاي ئىلگىرى

    100 قتىم بەك مۇبالغە قىلۋەتتىمۇ نىمە نۇمۇسسزلار خوپبوپتۇ

  • سام2 ئاي ئىلگىرى

    تازىمۇ قاملاشمىغان خەقنىڭ خۇتۇنى بىلەن چوڭ ئىش قىلۋەتكەندەك ياتاقتىكى شۇ ئىشلىرنىمۇ تورغا چىقىرۋىتىپ يۇرگىننى تايىنى يوق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号