باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

ساقچىلار جەمەت بويىچە تەشكىللەنگەن شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:24 0 ئىنكاس چۈشتى

9-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋۇخەن شەھىرى شەرقىي شىخۇ ساقچىخانىسى جەمەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق پۇل 3 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بىر شاخلىتىپ سېتىش گۇرۇھىنى پاش قىلغانلىقى، گۇرۇھنىڭ باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىسى قاتارلىق 7 غوللۇق ئەزانى جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

9-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 10:00 لاردا، شەرقىي شىخۇ رايونى سەندىيەن ساقچىخانىسى ئىدارىسى شىخۇ رايونلۇق ج خ تارمىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى بىلەن بىللە، جىڭخې كوچىسىغا جايلاشقان مەلۇم بىر ئولتۇراق رايوندىكى شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسىنى تازىلاۋاتقاندا، ئولتۇراق رايوندا مېڭىپ يۈرگەن بىرەيلەننىڭ شاخلىتىپ سېتىشقا ئائىت نۇرغۇن تالون كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى بايقىغان، دېلو بېجىرگۈچى ساقچى دەرھال ئۇ ئەرنى كونترول قىلىپ، تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن.

ساقچى يۇقىرىقى ئەرنىڭ ئىسمىنىڭ جاۋ شىپىڭ ئىكەنلىكى، مۇشۇ ئولتۇراق رايوندىكى مەلۇم بىر شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسىدا  سېتىۋېلىش ئىلتىماسىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساقچىلار يەنە يۇقىرىقى ئولتۇراق رايونغا يوشۇرۇنۇۋالغان، شاخلىتىپ سېتىش گۇرۇھىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنى قولغا چۈشۈرگەن، ئەمما بۇ گۇرۇھتىكى ئالىي مەسئۇل خادىمدىن ئۈچى ئۇ ئىجارە ئۆيدە يوق ئىكەن. 

24 سائەت توختىماستىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساقچىلار شاخلىتىپ سېتىش گۇرۇھىنىڭ ئۈچ ئالىي مەسئۇلىنى جياڭخەن رايونىدىكى مەلۇم بىر مېھمانسارايدا قولغا ئالغان.

دېلو بېجىرگۈچى ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، شاخلىتىپ سېتىش گۇرۇھىدىكىلەر ئادەتتە ئالداپ كەلگەن پۇللارنى مېھمانخانىغا يۆتكەپ كېلىپ شۇ يەردە تۇرىدىكەن، گۇرۇھتىكى ئادەتتىكى شاخلىتىپ ساتقۇچىلاردىن 100 گە يېقىن ئادەم شەرقىي شىخۇ رايونىدىكى چەت جايلاردا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن، ئادەتتە ئۆزلىرى تاماق ئېتىپ يەيدىكەن. 

ساقچىلار دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ، 52 ياشلىق جاۋ شىپىڭ ۋە ئايالىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدىن ئىكەنلىكى، ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسى قۇرغانلىقى، ئاندىن 26 ياشلىق ئوغلىنى ساياھەت قىلىش باھانىسى بىلەن ۋۇخەنگە ئالداپ كەلگەنلىكى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، غايەت زور شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېنىقلىدى. نۆۋەتتە، جاۋ شىپىڭ قاتارلىق يەتتە كىشى شاخلىتىپ سېتىشقا تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئالدىنىپ كىرىپ قالغان يۈز نەچچە ئادەم قۇتقۇزۇلغان.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号