باش بەت

مەستان

245يوللانما
6مەستانە

Uberدەك چوڭ شىركەتنىڭ CEOسىغا ئايلانغان ئوتتۇرا شەرقلىق مۇساپىر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:53 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

BusinessInsider تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Uber مۇدىرىيىتى يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت شىركىتى Expediaنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دارا خۇسروۋشاھ (Dara Khosrowshahi)نى Uber شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى قىلىپ بېكىتكەن. ئەگەر 48 ياشلىق خۇسروۋشاھ بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلسا، بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا تىكلىگەن يەنە بىر ئابىدىسى ھېسابلىنىدۇ. خۇسروۋشاھنىڭ ھازىرغىچە بولغان ھاياتى قىيىن مۇشەققەتلەرگە ۋە شانلىق مىنۇتلارغا تولغان. ئۇنىڭ كرىمنىي جىلغىسىدىكى ئەڭ قىممەتكە ئىگە يېڭى قۇرۇلغان شىركەتنى ئۆتكۈزىۋېلىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا تىكىلدى. ھەممىگە تونۇشلۇق، Uberنىڭ بازار قىممىتى 60 مىلياردتىن ئېشىپ كەتتى، تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ۋە بۇرۇندىنلا بار بولغان مەسىلىلەر سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى.

تۆۋەندىكىسى خۇسروۋشاھنىڭ ئەسلىدىكى بىر مۇساپىردىن قانداق قىلىپ تېخنىكا باش شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە:

دارا خۇسروۋشاھ بۇيىل 48 ياش، ئۇ ئىراندا تۇغۇلغان، ھازىر بولسا ئامېرىكا پۇقراسى.

ئۇ داڭلىق پۇلدار ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىراندىكى دورا ياساش، خىمىيىۋىلىك بۇيۇملار، يېمەكلىك سودىسى قىلىدىغان ۋە سېتىش يولىنى ئاچىدىغان مۇھىم گۇرۇھنىڭ قۇرغۇچىسى. ئىران ئىنقىلابى مەزگىلىدە، بۇ شىركەت يېڭى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىدۇ ۋە دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئامېرىكىغا قېچىپ بارىدۇ.

خۇسروۋشاھ 9 ياش ۋاقتىدا ئىرانلىق مۇساپىر سالاھىتى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئامېرىكىغا كېلىپ، تاغىسى تۇرۇشلۇق نيۇيوركنىڭ تاررىتوۋنغا كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ بازار خادسون دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا جايلاشقان، 1906-يىلى روككىفېللىر بۇ جايدا چوڭ ساراي قۇرغان.

خۇسروۋشاھ نەۋرە ئاكىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاررىتوۋندىكى خاكلىي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. گىئورگىي خامىلتون ۋە مىليادىر فىرىد كىچى ئىلگىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. خۇسروۋشاھ بالىلىقىنى ئەسلەپ :«قۇرامىغا يەتكەن كىشى ئۈچۈن بۇ قىيىن بىر ئۆزگىرىش، لېكىن كىچىك بالىلار بىرلىكتە ئوينىغاچقا كۆڭۈللۈك تۇيۇلىدۇ» دەيدۇ.

خۇسروۋشاھنىڭ يەنە بىر تاغىسى بولسا مىليادىر ھەسەن خۇسروۋشاھ بولۇپ، پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى ئىراندىن قېچىپ چىققاندا، بۇ تاغىسى كاناداغا بېرىشنى تاللايدۇ. ھەسەن Future Shop ناملىق ئېلىكترونلۇق بۇيۇم شىركىتىنى قۇرىدۇ، كېيىن بىر پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، دورا ۋە مۇزىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىجازەتنامە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇسروۋشاھنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى سودا ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى داڭدار كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسىلەن، ئۇنىڭ بۇرادىرى كاۋ خۇسروۋشاھ داڭلىق مەبلەغ سېلىش بانكىسى Allen & Coنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى. يەنە بەزى نەۋرە قېرىنداشلىرى گوگۇلنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى. ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئامىر خۇسروۋشاھ بۇلتۇر ئىنتېل شىركىتى ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان Nervana سۈنئىي ئىدراك شىركىتىنى 400 مىليون دوللارغا سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىنتېلدا قالىدۇ. 2009-يىلى خۇسروۋشاھنىڭ قوشكېزەك نەۋرە ئاكىسى ئەلى ۋە خەدىد پاتوۋى ئۆزلىرى قۇرغان شىركەتنى MySpaceكە 20 مىليون دوللارغا ساتقاندىن كېيىن، Airbnb ،box ،Uberۋە Facebook قاتارلىقلارنى قوللايدىغان تەۋەككۈل مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ Code.orgنى قۇرىدۇ.

ئىراندىن ئايرىلغان كۈنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خاتىرجەم بولمايدۇ. خۇسروۋشاھ 13 يېشىدا، دادىسى بوۋىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى ئىرانغا بارغاندا، ئىران ھۆكۈمىتى ئۇنى دۆلەتتىن قايتا چىقارمايدۇ.

خۇسروۋشاھ بروۋن ئۇنۋېرسىتېتىدا ئېلىكتورماشىنا قۇرۇلىشى ئىلمىنىڭ ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خىزمەت ھاياتىنى باشلايدۇ، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا Allen & Coدا ۋەكالىتەن ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۇ يەنە بۇ بانكا تەشكىلاتىنىڭ نامى چىققان قۇياش جىلغىسى يىغىنىغا دائىم قاتنىشىپ تۇرىدۇ.

2001-يىلى 7-ئايدا تىيلىر بىلەن خۇسروۋشاھ 1 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن مىكروسوفتتىن Expediaنى سېتىۋالىدۇ.

2 ئايدىن كېيىن بۇ سودا پۈتۈش ئالدىدا «9.11» ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ. 3000 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن سىرت، بۇ ۋەقە ساياھەتچىلىككە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئۇلار :«بىزنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشىمىزگە پۇرسەت بار، كىشىلەر تۇرمۇشىنى ۋە ساياھىتىنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەك، بىزمۇ ساياھەتچىلىكنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەيدۇ.

خۇسروۋشاھ IACدا بىرقانچە يىل باش مالىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ئاندىن 2005-يىلى Expedia ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، Expedia شىركىتىگە بېرىپ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولىدۇ، تېيلىر بولسا باش دېرىكتور بولىدۇ.

شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بۇ 12 يىل ئىچىدە، Expedia ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ توردا ساياھەت قىلىش ئورگىنىغا ئايلىنىدۇ. كىرىمى 2005-يىلىدىكى 2 مىلياردتىن 2016-يىلىدىكى 8 مىليارد 700 مىليونغا كۆپىيىدۇ. ئۇستازى تېيلىر ۋە ئائىلە جەمەتىدىكى باشقا ئەزالارغا ئوخشاش خۇسروۋشاھنىڭمۇ بىر گۇرۇھنى بازار تاپقۇزۇش ئىقتىدارى بار.

يېقىندىن بۇيان بۇ شىركەتنىڭ پاي باھاسى ئوبدان كېتىپ بارىدۇ، بىر يىل بۇرۇنقى ھەر بىر پاي 109 دوللاردىن ھازىرقى 140 دوللارغا ئۆرلىدى.

Expedia شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى خۇسروۋشاھنىڭ خىزمەت نەتىجىسىدىن ناھايىتى رازى بولىدۇ، 2015-يىلى مۇدىرىيەت ئۇنىڭغا قىممىتى 91 مىليون دوللاردىكى پاي-چەكنى مۇكاپات بېرىدۇ ۋە 4 مىليونغا يېقىن مائاش بېرىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر شەرت بار، بۇ پاي-چەك مۇكاپاتى 5 يىلدىن ئارتۇق ۋەزىپە ئىشلەش كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى. بۇنىڭدىن باشقا ئەگەر خۇسروۋشاھ Expedia شىركىتىدە تاكى 2020-يىلىغىچە خىزمەت قىلسا، شۇنداقلا پاي باھاسىنى 170 دوللارغا يەتكۈزسە، ئۇ يەنە بىر قېتىملىق مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، خۇسروۋشاھ بۇ پاي-چەك مۇكاپاتى قولغا كېلىشتىن بۇرۇن Expediaدىن ئايرىلغان، شۇنداق قىلىپ 180 مىليون دوللارلىق مۇكاپاتىدىن ۋاز كەچكەن.

خۇسروۋشاھنىڭ تۇرمۇشى باياشات، ئەگەر Uberنىڭ بەرگەن مائاشى يۇقىرى بولمىسا، Uberنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. Uberنىڭ پاي باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بىلەن نۇرغۇن دەسلەپتىكى مەبلەغ سالغۇچىلار مىليادىرلارغا ئايلاندى. ئەگەر خۇسروۋشاھنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا، ئۇمۇ مىليادىرغا ئايلىنالايدۇ.

خۇسروۋشاھ ناھايىتى ئەركىن قىياپەتتە كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتالايدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئاشكارا سۆز قىلىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنى تەنقىدلىگەن، ئۇنىڭ كۆچمەنلەرنى چەكلىشىگە ۋە چارلوسىۋېلدا قىلغان سۆزىگە قارشى تۇرغان. ئۇ يېقىندا Twitterدا :«بىز ھەر قېتىم زۇڭتۇڭدىن چوڭ ئۈمىد كۈتكەن چاغدا، ئۇ بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋاتىدۇ» دەيدۇ.

Uberنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئىستىلى Uberنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كالانىك بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. خۇسروۋشاھنىڭ باشقىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى يېقىملىق، ئۆزىنى بېسىۋالغان. ئۇنىڭ Expediaدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ Glassdoorدا ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشى باھاسى %94تىن ئاشىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بىر غەلىتە ئادەم، «مەخلۇقاتلار دۇنياسى» ئويۇنىنى ياقتۇرىدۇ، ئاۋازلىق ئىزدەش تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

2012-يىلى خۇسروۋشاھ سىنى ساپرو بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمى لاسۋېگاستا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ساپرو كالتە يەڭ مايكا كىيگەن. ئۇلارنىڭ 4 بالىسى بار.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شىرازى2 ئاي ئىلگىرى

    ما كاساپەتنىڭ ئەسمى بەك ھەيۋەتكىنا ، دارا خۇسرەۋ شاھ . ئېران تارىخىدىكى ئىككى مەشھۇر شاھنىڭ ئىسمىنىڭ يىغىندىسكە .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号