باش بەت

del103

3754يوللانما
9مەستانە

سامسۇڭ Note 8 يانفونى ئېلىمىزدە رەسمىي بازارغا سېلىندى: 6988 يۈەن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:00 32 ئىنكاس چۈشتى

engadget تورى 13-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما iPhone Xنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، سامسۇڭ بايراقدار يانفونى Note 8نىڭ دۆلىتىمىزدىكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىمۇ بۈگۈن كەچقۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەھسۇلات جەھەتتە ئانچە چوڭ ھەيران قالارلىق ئىشلار يوق، Note 8نىڭ دۆلىتىمىزدە بازارغا سېلىنىدىغان نۇسخىسىغا سىنەپدراگون 835 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولغاندىن سىرت، باشقا سەپلىمىلىرىدە چوڭ ئۆزگىرىش يوق. بىردىنبىر ئېنىقسىز بولغىنى سېتىلىش باھاسى ئىدى، بولۇپمۇ ئالما شىركىتى 10 يىللىق خاتىرە نۇسخىدىكى iPhoneىنىڭ باھاسىنى ئون مىڭ يۈەنگە چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، سامسۇڭنىڭ بۇ ئىشىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

نەتىجىدە، Note 8نىڭ دۆلىتىمىزدىكى باھا رىقابەت كۈچى iPhone Xدىن سەل ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ئايان بولدى. 128GB、64GB ۋە 256GB لىق ئۈچ خىل نۇسخىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6988 يۈەن، 7388 يۈەن ۋە 7988 يۈەن بولۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ زاكاز قوبۇل قىلىنىدۇ، 29-سېنتەبىر تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە 256GBلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالغۇچىلارغا DeX تەگلىكى سوۋغا قىلىنىدۇ، باشقا ئىككى خىل نۇسخىسىنى سېتىۋالغۇچىلار 200 يۈەنلىك باھا ئېتىبارىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. بۇلتۇر Note 7 يانفونىنى سېتىۋالغانلارغا قارىتا، Note 8نى سېتىۋالغاندا 500 يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ ياكى سىمسىز زەرەتلىگۈچ سوۋغا قىلىنىدۇ، ئاندىن يەنە ھەقسىز باتارېيە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. 

ئاخىرىدا سامسۇڭ يەنە Note 7 ئابۇنتلىرىغا قارىتا ھەر يىللىق يانفون ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئابۇنتلار ھەر ئايدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 389 يۈەن تۆلەش ئارقىلىق Note 8 يانفونىنى بىر يىل ئىشلىتەلەيدۇ، 12 ئايدىن كىيىن مۆھلەتنى داۋاملىق ئۇزارتىپ Note 9 يانفونىغا ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر خۇاۋېي Mate 10 يانفونىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 2017-يىللىق بايراقدار ئەقلىيفونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەل بولدى. ئەمدى پەقەت يانچۇققا پۇلنى سېلىپ بازارغا چىقىپ تاللاپ سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئادىل1 كۈن ئىلگىرى

    سىلەر چىراي تونۇيدىغان ياخشىمۇ ياكى چىراي تونۇيدىغان ياخشىۇ

  • ئابدۇللا5 كۈن ئىلگىرى

    سامسۇڭ ھەقىقەتەن قالتىس يانفون

  • 三星note86 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىڭلانىڭ تايىنى يوق گەپ لەرنى قىممىسەڭلا سامسۇڭ دۇنيا بۇيىچە بىرىنجى تۇرسا ئۇنىڭ ئالدىغا قايسى بىر يانفۇن ئۈتەلىسۇن

  • مەشئەل 3836 كۈن ئىلگىرى

    ۋېي تالاشماڭلار ، بالىلار. سامسۇڭ مەستانىلىرىغا سامسۇڭ دىن. ، ئالما مەستانىلىرىغا ئالما ئېلىپ بېرىمەن . ھەر بىرىڭلارغا بىر. پوچى غاجايسلەر نۇر توردا بىر بىرىڭلارنى غاجماڭلار بولدى

  • مەن6 كۈن ئىلگىرى

    ئالما شىركىتى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى نۇرغۇن مۇنازىرە قوزغىدى، بەزى تورداشلار بۇ مۇنازىرىلەرگە ئىشتىراك قىلدى، بەزىلەر تاماشا كۆردى.
    △ يېڭى ئايفون سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى

    △ ئەينى يىلى ئاپامغا iPhone 4 ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقىنىمدا، ئۇ ماڭا «iPhone 4 دەپ قاپسەن، كېيىن ساڭا iPhone 8 ئېلىپ بېرىمەن!» دېگەن ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى.
    بايىلا تاپشۇرۇپ ئالغان iPhone 8

    △ دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق: باشقىلار ئالما 8نى سېتىۋالدى، سىز 8 ئالما سېتىۋالدىڭىز.
    △ يېڭى iPhone چىراي تونۇپ قۇلۇپ

  • ئەرۋاھ6 كۈن ئىلگىرى

    قاراپ تۇرۇڭلا بۇمۇ ئاز كۈنگە قالماي نوت يەتتە گە ئوخشاش بىر پارتىلايدۇ ئاندىن سامسۇڭ مەستانىلىرى ئوسماڭلارغا قانىسىلەر

  • سامسۇڭ6 كۈن ئىلگىرى

    سامسۇڭ ياخشى مەن note7 ئىشلىتىۋاتىمەن بەك قالتىس @جۇمۇ

  • سەنسىز5226 كۈن ئىلگىرى

    پــــۇل يــــوق ئــالــمـايــــمـە

  • iphone6 كۈن ئىلگىرى

    نمانداق سەت تېلفۇنبۇ مەن بۇنڭدىن ئوپپو ياخشى دەپ قارايمەن ئالما غۇ ئەلۋەتتە

  • ئىلىيار6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئەزەلدىن سەنشىڭغائۇچ ئىدىم بىرخىل تايىنى يوق بىلىنىدى ئادەتدە oppoتىلفۇننى ئەڭ قالىس كۇرىتىم قاچان ئىشلەتدىم نوتى s6تلفۇننى شۇنىڭدىن ئىتبارەن سەنشىڭ بەك ياراپكەتتى ئالمامىدا يوق ئىخدارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدا بار قىممەتلىككى جەھەتدىن ھم ئەرزان ھەم بەك قۇلايلىق كەنتۇق ئىسىت بالدۇرق ئىشلەتسەمچۇ بۇرۇن ئالما6sنىمۇ تىلفۇن دەپ ئاپتىكەنمە ياتوكى يەتمىگەن يا تۇرغاچىقىشى تىز ئەمەس لىكىن ئالما بىرتىلفۇننى ئەمدى چىقىرىشغا سەنشىڭمۇ قاراپ تۇرماي چىقىرىپ بۇپدۇ ئالمىدن بالدۇر مەھسۇلات ئىلان قىلغان بۇلسا ياكى بىرھەپتىدىن كىيىن ئىلان قىلغان بۇلسا ھەرقانچە قىممەت بۇلسىمۇ ئالىتۇق مەنمۇ مەستانىسى بۇپقالدىم بۇ سەنشىڭنىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号