باش بەت

del103

3898يوللانما
19مەستانە

iPhone 8/8 Plusغا قىزىققۇچىلار يوقنىڭ ئورنىدا، iPhone X ئالماقچى بولغانلار ئەڭ كۆپ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:53 6 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن سەھەر سائەت 1:00 دە، ئالما شىركىتى 2017-يىلى كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى رەسمىي ئاچتى. قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى جەھەتتە، ئالما شىركىتى بۇ قېتىم كىشىلەر ئەڭ تەقەززا بولغان بايراقدار مەھسۇلاتى — iPhone Xنى، شۇنداقلا دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان، ئالدى-كەينى يۈزىگە ئەينەك قەۋىتى ئىشلىتىلگەن، سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدىغان، ئەڭ يېڭى A11 تىپلىق CPU سەپلەنگەن iPhone 8/8 Plus يۈرۈشلۈك، LTE  ۋە GPS نى قوللايدىغان Apple Watch Series 3 قول سائىتى، 4K HDR نى قوللايدىغان Apple TV ۋە AirPowerنىڭ سىمسىز زەرەتلەش نۇسخىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى.


بۇ بەش خىل يېڭى مەھسۇلات ئىچىدە iPhone X ھەممىدىن بەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئەمما ئۇنىڭ باھاسى يەتكۈچە قىممەت بولۇپ، 64GBلىقى 8388 يۈەن، 256GBلىقى 9688 يۈەنگە يېتىدۇ. 

بىراق، iPhone 8نىڭ سەپلىمىسى ئاشۇرۇلغان، يەنى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئالدى ۋە كەينى يۈزىگە ئەينەك قاپ ئىشلىتىلگەن، سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، كامېرا سۈزۈكلۈكى ئاشۇرۇلغان بولغاچقا، باھاسىنىڭ قىممەتلىشىشىمۇ نورمال ھېسابلىنىدۇ. ئەمما تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى ئادەمنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.


داڭلىق تاراتقۇ 9to5Mac نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، iPhone X نى سېتىۋېلىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقانلار %33.77نى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇندىن قالسا Apple TV 4K ۋە Apple Watch Series 3نى سېتىۋېلىشنى ئويلايدىغانلارنىڭ سانى كۆپكەن. دېمەك، iPhone 8 ۋە 8 Plus يانفونلىرىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار ھەممىدىن ئاز سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. قارىغاندا ھايانكەشلەرنىڭ راسا بىر پۇل تېپىۋېلىش چۈشى كۆپۈككە ئايلىنىدىغان ئوخشايدۇ!

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەزىز2 ئاي ئىلگىرى

    ھىچكىم ئالمىسا بىريلغىچە چۇقۇم بەشمىڭغا چۈشىدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن شۇنداقمۇ قىمەن قىلۋىتەمدۇ دەيمەن

  • ئەرۋاھ2 ئاي ئىلگىرى

    ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق شۇڭا باھا مەسىلىسىنى توغرا چۈشنىشكە بولىدۇ.

  • ياۋرۇ2 ئاي ئىلگىرى

    قولۇمدا ئالما4s بار تۇتىۋاتقىلى 4يىل بولدى مۇشۇ تىلفوننى ئىشلەتكەننىڭ ياقى قالغان ئالما يانفونلىرىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغا قىززىقمقدىم.ئالما 8گىم ھەم شۇنداق .مىنىڭ كۆز قارىشىمدا 4sئەڭ ياخشى ،ئەڭ قولايلىك، ئەڭ سىپتا ،ئەڭ بىخەتەر يانفونمىكىن دىدىم .ئىشەنسەڭلار باللا بۇ تىلفوننىڭ قولامدىن چۈشكەن سانىنى بىلمەيمەن. بولسا باللا شارائىىمىز توغرا كەلسە،قۇربىمىز يەتسە ئالساق يامىنى يۇق 8نى، ئەمما ھىلىقى پۇلى يوق مۆشۈك بەزگە ئامراق دەپ ئۆزىمىزنى،ئاتا-ئانىمىزنى قىيناپ قويمايلى،ئاخىرىدا سىزگە تەۋسىيە قىلدىغىنىم يەنىلام ئالما 4s

  • 130******282 ئاي ئىلگىرى

    ئالدىن كۆرسەتمەيدىغۇ ، بۇ سەككىز دېگەن تېلېفونىنىڭسەتمۇ نېمە قارىغاندا ئالدى.

  • لاتا قاس قاس2 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ xنى ئالما سەەكىزىنچى ئەۋلات قىلغان بولسا بولاتتى ئون دىگىنىغۇ بوپتۇ لىكىن ئالما سەككىز قرپلا قالىدۇ دە

  • ھاماقەت ئەۋلىيا2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ ئالماxنى تاللايمەن بىراق تالاپ قۇيغانغا بەمەيدا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号