باش بەت

Ely09

1144يوللانما
20مەستانە

ئورگان تورى: مارسېلو خانلىق مادرىد بىلەن 2022-يىلىغىچە توختام ئۇزارتتى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:36 7 ئىنكاس چۈشتى

خانلىق مادرىد ئورگان تورىدا كوماندىنىڭ ئوڭ بېكى مارسېلو بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، يېڭى توختامنىڭ مۇددىتى 2022-يىلى توشىدۇ. توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۈرۈمچى ۋاقتى 14-سىنتەبىر كەچ 18:00 دە بېرنابۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ھازىر 29 ياشقا كىرگەن مارسېلو فلۇمىنېنسې كوماندىسىدا كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن بىرازىلىيىلىك بېك كارلوسنىڭ ئىز-باسارى دەپ تەرىپلەنگەن. مارسېلو 2007-يىلى 1-ئايدا خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان بولۇپ، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ھۇجۇم تىپىدىكى يان بېك ھېسابلىنىدۇ. بۇ پەسىلدە ئۇ خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەن 11-پەسىلنى كۈتىۋالدى. ھازىرغا كەلگۈچە خانلىق مادرىدقا ياردەملىشىپ ئۈچ قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقى، تۆت قېتىملىق ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىملىق شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئۈچ قېتىملىق ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئۈچ قېتىملىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ھەمدە ئىككى قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 400 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتناشقان.

بىرازىلىيەلىك بۇ دۆلەت كوماندىسى توپچىسى 2006-يىلى دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان، ھەمدە رەقىبى ۋېلېشقا بىر توپ كىرگۈزگەن. ئۇ 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن، ئۇ يەنە 2012-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئۈچ نەپەر ياش ھالقىغان توپچىنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ، شۇ يىلى ئۇ كوماندا بىلەن بىرلىكتە مېس مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن. مارسېلو 2013-يىللىق قىتئەلەر لوڭقىسىغا قاتناشقان بولۇپ، بەش مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئاساسلىق ئەزا بولغان، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 3-0 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ يەنە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەپەر2 ئاي ئىلگىرى

    مارىسلونىڭ خانلىق مادرىتتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، مۇسابىقىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كوماندىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن تىرىشىپ ئوينايدۇ، توپ ئېلىپ مېڭىش تېخنىكىسى، پاس يەتكۈزۈش جەھەتتە ئىقتىدارلىق، ئەڭ كۆپ يۈگرەيدىغان چىداملىق توپچى

  • مېسسى شاھ2 ئاي ئىلگىرى

    ۋىسال ، ئاشۇنداق توبا باش ئوتۇنچىغا مەستانە……
    ھەيييي………

  • ۋىسال2 ئاي ئىلگىرى

    مارسىللۇ غەيرەت قىلىڭ مەن سىزنىڭ مەستانىڭىز ھىچكىم پۇتبۇلدا سىزگە يەتمەيدۇ

  • مارسىلو2 ئاي ئىلگىرى

    مەن مىسسى رونالدولارنى مارسلوغا تەڭ قىلمايمەن، بۇ نۆۋەت 6- نومۇرنى كەيگەن ئىدى بەك خوش بولدۇم، كارلوسنىڭ نومۇرى ئەمەسمۇ.
    مېنىڭچە خانلىق مادىرىدىكىلەر مارسلوغا ئۆچ ئەمەس.

  • Star Sky2 ئاي ئىلگىرى

    مۇئاشىچۇ ، بىر ۋاقىتتا كاسىمىرو دېگەن قاسماق بىلەن تەڭ تۇراتتى ، ئۆستۈرۈپ بەرمىسە مەن رازى ئەمەس ، بۇنىڭدەك توپچى نەدە بار ؟

  • نۇرلۇق(بارسېلونا)2 ئاي ئىلگىرى

    مارسىلو مادرىتتىكى ئەڭ ئىچىم كۆيىدىغان توپچى، مارسىلو بومىسا مادرىتنىڭ مۇسابىقىسى پەقەت تايىنى يوق كۆرىنىدۇ.

  • 喀什CR72 ئاي ئىلگىرى

    مەن مۇشۇ مارسولوغا يەنىي رونالدۇغا يەنىي ئىسكوغا بەك قىزقىيمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号