باش بەت

mamtimin10

261يوللانما
3مەستانە

نېيمار: CNM گۇرۇپپىسىنڭ ماسلىشىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:45 2 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

چارشەنبە كۈنى ئوينالغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىدىكى نېيمار، مىباپپې ۋە كاۋانى قاتارلىق ئۈچ ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسى توپ كىرگۈزۈپ، پارىژ سانت گېرماننىڭ يۇقىرى نۇمۇر پەرقىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىشىغا تۆھپە قوشتى. مۇسابىقىدىن كېيىن نېيمار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزى شۇنداقلا يېڭىدىن قۇرۇلغان ھۇجۇم گۇرۇپپىسى CNM ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.

نېيمار: «بىز ناھايىتى راۋان ھالدا ئۆزئارا ماسلىشالايدىغان، بىرى-بىرىمىزنىڭ ئويىنى بىلەلەيدىغان ھالەتكە يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان مۇساپىنى بېسىشىمىز كېرەك، ئۇلار ھەر ئىككىسى قالتىس توپچىلار، بىز ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قېلىشىمىز كېرەك، كاۋانىنىڭ قابىلىيىتى ئىنتايىن مۇكەممەل، مىباپپې بولسا بىر يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچى».

«مەن مىباپپې بىلەن تىخمۇ كۆپرەك ئالاقە قىلىشىم كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئىككىمىز تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلالايمىز. ئەقىللىق توپچىلار بىلەن بىرگە توپ تىپىش ناھايىتى ئاسان، لىكىن بىز يەنە مۇئەييەن ۋاقىت ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا مۇھتاج. مەن ھازىر پەقەت مىباپپې بىلەن كاۋانى بىلەن ماسلىشىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتۈم، كوماندىدا ئۇلاردىن باشقا يەنە كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر توپچىلار بار، ئۇلار بىلەن ماسلىشىشقىمۇ مۇئەييەن ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ماڭا نىسبەتەن سەل تەسكە توختىغان بىر تەرەپ بولدى».

باش سۈرەت تاللاش x
  • yusupali2 ئاي ئىلگىرى

    تىرىشقىن نىيمار سەن بەك قالتىس توپچى ساڭا ئامەت تىلەيمەن؟

  • چاي خالتىسى2 ئاي ئىلگىرى

    ھۇجۇم گۇرپىسى تىزلا ماسلىشىدۇ نېيمارخان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号