باش بەت

mamtimin10

261يوللانما
3مەستانە

پوچېتتىنو: ئېنگلاندتا بىرلەشمە مۇسابىقە ئۇزغۇنلۇقتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:51 3 ئىنكاس چۈشتى

نۇرتورى تەرجىمىسى:

توتېنھام كوماندىسنىڭ مەشقاۋۇلى پوچېتتىنونىڭ قارىشىچە، ئېنگلاندتا كىشلەر ئېنگلاند بىرلەشمىسىنى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇندا كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ قارىشىچە بۇخىل ھالەت ئېنگلاند كۇلۇبلىرىنىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرىدىكى نەتىجىسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

پوچېتتىنو بۇ ھەققىدە توختىلىپ: «ھەربىر ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدىغان توپچىلارغا نىسبەتەن ئېنگلاند بىرلەشمىسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ ھالەت ئىتالىيەدە ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغانغا ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئېنگلاند پۇتبولچىلىقىدا ئېنگلاند بىرلەشمىسى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئېنگلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى».

«ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ئەلۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم، بىراق بۇ ئىككى مۇسابىقە ئوخشاش بىر سەۋىيەدە ئەمەس، بۇنى كونكرېت چۈشەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن، سىز پەقەت ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەندىلا ئاندىن ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ھەربىر كولۇبتىكى ھەربىر توپچىنىڭ قەلبىدە ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز».

«ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ، ھەتتا بەزى تۆۋەن سەۋىيەلىك بىرلەشملەردە ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى شۇ دۆلەتنىڭ بىرلەشمىسىدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ».

«سىز ئېنگلاند بىرلەشمىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن، ئەڭ قالتىس ۋە ئەڭ كەسكىن بىرلەشمە دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ، مىلاد بايرىمى ئارلىقىدا بىز ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز بىراق باشقا بىرلەشمىدىكىلەر بولسا قىشلىق ئارام ئېلىش ۋاقتىغا قەدەم قويىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق ئېنگلاندتا بۇ بىر ئۆزگەرمەس قائىدە، بىر خىل مەدەنىيەت، بىز چوقۇم باشقا بىر يول ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ رىقابەتچانلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك».

باش سۈرەت تاللاش x
  • JOKER2 ئاي ئىلگىرى

    قولى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.....پۇتۇن يەرشارىدىكىلەر بىلىدۇ

  • قەلئە2 ئاي ئىلگىرى

    ما تاسمىنىڭ گەپلىرنى شۇ ئېنگىلاتتىكىلە ئۇزغۇنلۇقتا ئاقمايدىغىننى بۈلسەندە

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا پوچقارى ئاستا ئۆيگە قايتىپ بىرلەشمە ئويناڭلا ، ئۇزغۇنلۇق ياراشمايدۇ سىلەگە ، ھەر يىلى بىرلەشمىدە 2- بولساڭلالا بولدى .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号