باش بەت

زەپەر-7

111يوللانما
2مەستانە

«بودەك خېنىم» 30 كۈن قەنتتىن پەرھىز تۇتۇپ تەنناز ساھىبجامالغا ئايلاندى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:59 4 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى باش خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بىز دائىم ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر ئېغىز سۆز چوقۇم «مېنىڭ ئورۇقلىغۇم با » دېگەن سۆز، بولۇپمۇ ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرگە دۇچ كەلگەن چاغدا، كۆپ ھاللاردا نەپسىمىزنى باسالماي قالىمىز، بەزىلەر ھەتتا يەنە «قورساق تويغاندا ئاندىن ئورۇقلىغۇدەك ماغدۇر بولىدۇ» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىدۇ. شۇنداق دېمەي تۇرالمايمىزكى، ئەگەر بىر ئادەمدە ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى بولمىسا، ئورۇقلىغۇم بار دېگەن نىشانغا يەتمەك ھەقىقەتەن بەك تەس. 
لېكىن ئورۇقلىغاندا زادى بىر نەرسە يېيىش كېرەكمۇ، قانچىلىك يېيىش كېرەك؟ بۇمۇ نۇرغۇن دوستلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەسىلە. 

بۈگۈن بىز قەنتتىن پەرھىز تۇتۇشتىن باشلاپ سۆزلەيمىز، قەنتتىن پەرھىز تۇتۇشنىڭ ئورۇقلاشقا ياردىمى بولامدۇ يوق كۆرۈپ بېقىڭ. چەت ئەللىك بىر ئايال تورداش قەنتتىن پەرھىز تۇتقانلىقتىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 45 كىلوگرام ئورۇقلىدى، ئىلگىرى سېمىز چاغدا كىيگەن كىيىملەرنى ھازىر ئۇ تاشلىۋەتسە بولىدىغان بولدى. 
بۇ ئايال تورداشنىڭ ئىسىمى ئەيلىر، ئۇ ئىلگىرى باشقا نۇرغۇن سېمىز ئادەملەرگە ئوخشاش، قەنت ماددىسى يۇقىرى، مايلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى؛ لېكىن ئۇ  ئورۇقلاشقا قەتئىي نىيەتكە كەلگەندىن كېيىن، 30 كۈن قەنتتىن پەرھىز تۇتۇش پىلانىنى سىناق قىلىشنى قارار قىلىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىدى.

ئەيلىر قەنتتىن پەرھىز تۇتۇش پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن تۇرمۇشتا يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ھەقىقەتەن بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى ! ئۇ بۇرۇن دىققەت قىلمىغان ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ قەنتتىن پەرھىز تۇتۇش پىلاننىدا ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇ گازلىق ئىچىملىك ئىچسە بولمايدۇ، پىرەنىك يىسە بولمايدۇ، بولكىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، قەنت-گېزەك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېسە بولمايدۇ. ئاخىرى، ئەيلىر ئامالسىز ئۆزى كۈندىلىك تاماقلىرىنى ئۆزى تەڭشەپ قىلىپ يەيدىغان بولدى. بىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك قەنتلىك يېمەكلىك خۇمارى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەيلىر  دەسلەپتە ھەقىقەتەن ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، بەك قىينالدى، خۇددى خۇمار بولۇپ  قالغاندەك ئازابلاندى؛ مۇۋاپىق مىقداردا قەنت تولۇقلاش بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە كۈچ يوق، كۆڭلىمۇ پاراكەندە بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئۇ ئىلگىرى ئۆزى ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان شاكىلاتلىق پىرەنىكنى يېيەلمىگەندە، ئۆزىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ راستىنلا بەك رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

بىراق بىر مەزگىل بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن، ئەيلىر ئۆزىدە ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى. 
ئۆزىنى ئۆزى مەجبۇرلاپ ئۆزگەرتىش دېگەندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ ئورۇقلاش ئىرادىسى نېمىدېگەن كۈچلۈك دېگەن ياخشىراق ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بەدىنى ئەمدى ئۇنداق ئاسان بىئارام بولمايدىغان بولدى، ئۇنىڭ پۈتكۈل روھىي ھالىتىدە ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىش بولۇشقا باشلىدى !

30 كۈن بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن، ئەيلىر ئۆزىنىڭ تەم سەزگۈسىنىڭ ئەمدى مايلىق يۇقىرى  ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەر تەرىپىدىن مەپتۇن قىلىنمايدىغانلىقىنى بايقىدى، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ بەل ئايلانمىسى بىراقلا ئۈچ سۇڭ ( تەخمىنەن 7.6 سانتىمېتىر) ئازايغان ئىدى !

بۇ ئۇنىڭ ئورۇقلىشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كەلدى، كېيىن ئۇ يەنە پائال چېنىقىپ، ساغلام ئوزۇقلىنىشنى داۋاملاشتۇردى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ توپتوغرا 45 كىلوگرام ئورۇقلىدى!

بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەيلىر ھازىر ھەقىقەتەن باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە قەنتتىن پەرھىز تۇتقاندىن كېيىن،   ئۆزىنىڭ تېخىمۇ روھلۇق بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

نېمە ئۈچۈن قەنتتىن پەرھىز تۇتقاندىن كېيىن مۇشۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ ؟ 
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىز تۇرمۇشتا يېگىنىمىز كۆپىنچە سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن قەنت، بۇ بەدىنىمىز تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىگە ئايلىنىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا بۇلار دەرھال خورىمىسا، مايغا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇزاق مۇددەت يىغىلىپ قالسا، سالامەتلىككە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر قەنتلىك يېمەك-ئىچمەكتىن پەرھىز تۇتماقچى بولساق، چوقۇم تەركىبىدە سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن قەنت بار يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئازايتىشىمىز كېرەك. يەنە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بازاردىكى «قەنتسىز كۆرسىتىشى » بار يېمەكلىكلەر راستىنلا قەنت مىقدارى يوقلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، چۈنكى ئالاقىدار نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پەقەت 100 گرام ياكى 100 مىللىلىتىر يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى 0.5 مىللىگىرامدىن يۇقىرى بولمىسىلا، قەنت مىقدارى يوق دەپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇڭا بىز ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن، يېمەكلىك تەركىبى جەدۋىلىنى چوقۇم تەپسىلىي كۆرۈشىمىز كېرەك. 

ئۇندىن باشقا، يەنە بىر ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك بولغان مۇھىم نۇقتا بولسا، قەنتتىن پەرھىز تۇتۇش دېگەنلىك « پۈتۈنلەي كەمپۈت يېمەسلىك» دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا قەنتلىك يېمەكلىك ئىستېمال قىلىنمىسا، ئادەم بەدىنىدە يېتەرلىك كۈچ بولماي قالىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز دەۋاتقان « قەنتتىن پەرھىز تۇتۇش »  سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن قەنتتىن پەرھىز تۇتۇش دېگەنلىك، مەسىلەن مېۋە قاتارلىق تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ قەنت تولۇقلاشقا ئۆزگەرتىش. 

ئەلۋەتتە قەنتتىن پەرھىز تۇتۇشنىڭ ئەڭ بىخەتەر ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولسا، ئۆزى تاماق ئېتىپ يېيىش، ئەيلىر ھەمبەھرلىگەن تاماق تىزىملىكىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ كۆپ مىقداردا گۆش، سۈپەتلىك كراخمال ۋە كۆپ مىقداردا مېۋە يېگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ ئۇنى تويۇش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ، يەنە تېخى ساغلام ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ چېنىقسا، ئۇ ئەلۋەتتە تېخىمۇ تېز ئورۇقلايدۇ. 

شۇڭا ساغلام ئورۇقلاشنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يوق، ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. 
مەيلى ئەيلىر قەنتتىن پەرھىز تۇتۇش پىلانىنى قوللانغان بولسۇن ياكى بەزى باشقا كۆپ ئۇچرايدىغان ئورۇقلاش پىلانىنى قوللانغان بولسۇن، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، چوقۇم ئىلمىي پىلان تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىڭىز كېرەك! 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇھەببەت4 كۈن ئىلگىرى

    سىمىزلىكمۇ بىر گۈزەللىك كۆڭلىڭلارنى يىرىم قىلماڭلار

  • nur6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭ سەمىرگۈم بار ،قانداق قىلسام سەمىرەمە .......ھەي تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ ...ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق ،سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق ....

  • ساددا قىز6 كۈن ئىلگىرى

    مەن نىمدىن پەرىز تۇتسام ئورۇقلىيالامەن ئىككىنچى بالامنى تۇغۇپلام بىراقلا 70كىلوغا چىكەتتىم ئەسلى بەك ئورۇق بىر ئادەمتىم كوڭلۇم يىرىم بولدۇ ئويلىسام

  • ŞAŞ6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭ كۆزۈمگە بۇ قىزنىڭ بودەك ھالىتى چوغ گۈزەل كۆرۈندى دىسە ئەينا.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号