باش بەت

دەۋران

350يوللانما
6مەستانە

«ئىرما» قارا بورىنىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان فىلورىدا ئىشتاتى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:51 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، «ئىرما» ناملىق قارا بوران فىلورىدا ئىشتاتىنى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، فىلورىدا ئىشتاتى ھوللىۋود شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىسى Andrew Perini قوشنىسىنىڭ ئىتىنى يېتىلەپ قىزىل رەڭلىك سۇ بىلەن تولغان كوچىغا كېلىپ، ئويغا چۆمگەن ھالدا:«مەن ناھايىتى تەلەيلىك ئىكەنمەن، مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلكۈن كەلمىدى» دېگەن. 

فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى رىك سكوت:«فىلورىدا ئىشتاتىدىكى 6 مىليون 300 مىڭ ئادەم چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇپ ئالغان، بۇلارنىڭ ئارسىدىكى 700 مىڭ ئادەم مەجبۇرىي چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇپ ئالغان، بۇ مىقدار پۈتۈن ئىشتاتتىكى ئادەم سانىنىڭ 1/4 نى ئىگەللەيدۇ، بۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك جىددىي چېكىنىش بۇيرۇقى» دېگەن. 

ئۇ يەنە:« <ئىرما> قۇيۇن، قاتتىق يامغۇر ۋە بوران ئېلىپ كېلىدۇ، يامغۇر مىقدارى 38 سانتىمېتىرغا يېتىشى مۇمكىن، غەربىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى دېڭىز دولقۇنى ئەڭ ئېگىز بولغاندا 4.5 مېتىرغا يېتىدۇ» دېگەن.

مىئامىدىكى كەچلىك تاماق يەيدىغان پورتتىكى پاراخوت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ۋەيران بولغان.

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى دېڭىز ساھىلىدا خان جەمەتى سۇمرۇغ دەرىخى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

فىلورىدا ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر يوغان دەرەخ قارا بوران سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ كىشىلەرنى بېسىۋالغان. 

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى دېڭىز ساھىلى.

«ئىرما» قارا بورىنى شۇ يەردىكى مەلۇم بىر پالما دەرىخىنى يىلتىزدىن قومۇرۇپ، ئۆگزىنىڭ ئۈستىگە ياتقۇزۇپ قويغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号