باش بەت

mamtimin10

261يوللانما
3مەستانە

كونتى: ئازپىلىكۇئېتا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بىكلارنىڭ بىرى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 23:54 3 ئىنكاس چۈشتى

نۇرتورى تەرجىمىسى:

چارشەنبە كۈنى سەھەردە ئىلىپ بېرىلغان ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىدە چېلسى كوماندىسى 6-0 نەتىجىدە قاراباغ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىكى ئازپىلىكۇئېتا چېلسى كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقىدىن كېيىن چېلسى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى كونتى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بىكلارنىڭ بىرى» دەپ ئۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن.

باش مەشقاۋۇل كونتى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ: «ئالدىنقى پەسىل ئۇ كوماندىمىزدىكى مۇھىم ئەزا ئىدى، ئۇ ئوتتۇرا بىك ئورنىدا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مەيلى توپ بىلەن ئۇچراشقان ھالەت بولسۇن ياكى توپسىز ھالەت بولسۇن ئۇ ئىنتايىن قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالايدۇ».

«ئۇ بولسا بىر ئىنتايىن قالتىس توپچى، ئۇ دائىم ئىنتايىن ئاكتىپ بولغان ھالەتتە مەشىققە قاتنىشىدۇ، بىر مەشقاۋۇلغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزىدە بۇنداق بىر توپچىنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

نۆۋەتتە چېلسى كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابقىدە 3مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ 3- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇلار مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ساھىبخان مەيدانىدا ئارسىنال كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • kaktus2 ئاي ئىلگىرى

    ئارسىنالنىڭ بىشىغا يەنە كۈن باركەن ئېغىر بۇ قىتىممۇ مۇقۇم يىڭىلىدۇ ئارسىنال

  • قارا خەنجەر2 ئاي ئىلگىرى

    راموستىن نوچىسى يوق بېك دېگەننىڭ، ياۋايى ھايۋاندەك مۇداپىئەدە تۇرۇۋالسا كۆرۈڭ،،،
    ۋارانىمۇ قالتىس،،،

  • ناملىق2 ئاي ئىلگىرى

    بولىدىغان ئاداش بۇ لىكىن بۇنى ئوتتۇرا بك دەيدۇ بۇ ئەسلى يان بېكتۇ باللا يا مەن خاتا بىلىۋالدىممۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号