باش بەت

خەندان

391يوللانما
51مەستانە

كاجول بىلەن ئاجەي دېۋگان يەتتە يىلدىن كېيىن ئېكراندا قايتا جەم بولدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 00:00 67 ئىنكاس چۈشتى

20170913233339737.jpg

كاجول بىلەن ئاجەي دېۋگان ھەر ئىككەيلەن كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا توي قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرغىنىغا 18 يىل بولدى. تويدىن كېيىن ئاجەي «كومېدىيەلىك رەقىبلەر»، «ئارسلان» يۈرۈشلۈكلىرى قاتارلىق كومېدىيىلىك ھەم ھەرىكەتلىك فىلىملارنى ئىشلەپ دەرىجىدىن تاشقىرىي چولپانلار سېپىدىن چۈشۈپ قالمىدى. تويدىن كېيىن كاجول سەھنە ئەسەرلىرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ مۇۋاپىق فىلىم تاپالماي كۆپىنچە ئېكرانلاردىن يىراق تۇرغانىدى.

بۇ 18 يىل مابەينىدە ئاجەي دېۋگان 75 فىلىمدە رول ئېلىپ تاماملىدى، كاجول پەقەت 18 فىلىم ئىشلىدى. ئۇلار بۇرۇن بىرگە رول ئالغان فىلىملەردىن «رەزىل ئائىلە»، «كۆڭۈلگە نە ئامال» ۋە «سەن، مەن، بىز» قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار ئاخىرقى قېتىم 2010-يىلى «جەمەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان»( Toonpur Ka Superhero) ناملىق ئادەملىك كارتون فىلىمىدە رول ئېلىشقانىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دېۋگان ئەر-خوتۇنلار يېڭى بىر فىلىمدە قايتىدىن ھەمكارلىشىدىكەن. بۇ فىلىمگە «پارىنىتا»( Parineeta) فىلىمىنىڭ رېژىسسورى پارادېپ سەركار رېژىسسورلۇق قىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئاۋۋال، بۇ فىلىمگە ئېلان رېژىسسورى راج سارتىنىڭ رېژىسسورلۇق قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئەپقاچتى خەۋەرلەر تارقالغان. بىراق ئاخىرىدا فىلىمگە ئۇ رېژىسسورلۇق قىلمايدىغان بولغان، ئاجەي فىلىمگە پارادېپ سەركارنىڭ رېژىسسورلۇق قىلىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. (بۇ خەۋەر «دېككان ۋەقەلىرى گېزىتى» دىن ئېلىندى) فىلىم نامى تېخى بېكىتىلمىگەن.

ئاجەينىڭ بۇ يىللىق ئەڭ يېڭى فىلىمى « Baadshaho»(پادىشاھ) بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى قويۇلدى. بۇ فىلىمگە مىلان لۇترىيا رېژىسسورلۇق قىلغان، فىلىمگە يەنە ئىمران ھاشىمى، ئىلىنا دىكرۇز، ئېيشا گۇپتا، ۋىدىيۇت جامۋال قاتارلىق چولپانلار ھەمكارلاشقان. كاجول ئەڭ يېڭى فىلىمىدىكى توللىۋود چولپىنى دانۇش بىلەن ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇلار ئىشلىگەن تامىل تىلىدىكى فىلىم « Velaiilla Pattadhari 2»(ئىشسىز ئوقۇغۇچى 2) بۇ يىل 8-ئاينىڭ 11-كۈنى قويۇلغان. تۆۋەندە دانۇش بىلەن كاجول بىرلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمنىڭ تەشۋىق فىلىمىنى كۆرەيلى:

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • دېل2 ئاي ئىلگىرى

    رامىلە نۇردوش كاجولنى 1975 تۇغۇلغان دىدىڭىز ؟ ئاشۋارىيا 1973 تۇغۇلۇپتۇ ؟ سىزنىڭ كاجول ئاشۋارىيادىن كىچىك تۇرۇپ ئەجەپ تىز قېرىپ كىتىپتۇيا ؟

  • ئۇييۇ2 ئاي ئىلگىرى

    ئاجەي ھەممىدن نوچى،،،،،،،،،،،،،،

  • گۈزەلىم2 ئاي ئىلگىرى

    مەن كاجول رول ئالغان فىلىمنى كۈرۈشكە ئامراق بەكلا ياقتۇرمەن

  • 131******722 ئاي ئىلگىرى

    ھەر كىمنىڭ يولى باشقا

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    ھەركىم بەخىتلىك بۇلۇشقا كۆزى يەتكەندە بىرىنى تاللاپ قاسسىدە توي قىلىدۇ . دېپىكا پادۇكونى توي قىلمىسا مەن ئالاتتىم

  • قادى ساقام2 ئاي ئىلگىرى

    ئەنجىلنا جۇلى سىز ئاجەينىڭ ئالغان مۇكاپات ۋە مۇۋەپپىقىەتلىرىنىڭ خەۋرىنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز ئاجەي تۇنجى كىنوسى گۈل ۋە تىكەندە ھىندىستانلىقلار ئۈزىنىڭ ئوسكارى دەپ ئاتىۋالىدىغان مۇكاپاتقا ۋ توقسان يەتتىمىكى دەيمە زەخىم دىگەن كىنوسى بىلەن دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا بۇ مۇكاپاتقا تېخى ئاكشايمۇ ئىرىشىپ باقماپتۇ تا ھازىر غىچە يەنە 94 يىلى دىلۋالې فىلمىدە يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا كومىدىيلىك رەقىپلەر يۈرۈشلۈك فىلىمىدە يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر كومىدىيە چولپىنى مۇكاپاتىغا سەردار فىلىمىدىمۇ شۇنداق يەنە سانجاي بىلەن بىرگە چىقىدىغان aldeebest دەيدىغان بىر كىنوسىدا 2 خىل مۇكاپاتقا سىنگام فىلىمىدە يەنە شۇ ئۈزلىرى ئوسكار دەپ ئاتىۋالىدىغان مۇكاپاتقا يەنە himmatwala فىلىمىدە يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا يامغۇر ۋە سىياسەت فىلىملىرىدىمۇ بىر نەچچە مۇكاپاتقا ھەتتا شىۋاي فىلىمىدىمۇ بىر نەچچە خىل مۇكەپايقا شىۋاينىڭ مۇكاپاتىنى كاجول ئۆز قۇلى بىلەن ئاجەيگە ۋاكالىتەن ئالدى مەن كاجولنىڭ بىر نەچچە قېتىم ئجەينىڭ ئىسمى ئاتالغاندا ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىنى كۆرگەن بەلكىم كاجولنىڭ مۇكاپاتى ئاجەيدىن كۆپ بۇلىشى مۇمكىن لىكىن تەسىر دائىرسى ھەرگىزمۇ ئاجەيگە يەتمەيدۇ بولمىسا يللدىشىدىن داڭلىق بوللىۋود ئايال چولپانلىتى دىگەن مەزمۇننى ئىزدەپ كۈرۈپ بېقىڭ ئاجەي شەك شۈبھىسىزكى ھازىرقى بەش چوڭامنىڭ بىرسى بۇنداق دىسەم مىنى ئۇنىڭ ماستانىسى ئوخشايدۇ دەپ قامماڭ مەن پەقەت سۇننىي دېئولنىلا ياختۇرىمەن ئقنىڭ ئاسىل ئوبرازىغا ھېچقانداق بىر ئوبرازنى تەڭ قىممايمەن مىنى تىللاپ كەتمەڭلا يەنە كىمگە مەستانە بۇلۇش ئەركىنچىلىك قۇ

  • ئەلى2 ئاي ئىلگىرى

    شىۋاي نىڭ بىلەت كىرىمى 2مىرلىياد قا يىقىن تۇرسا مەن توردا ئوقۇغان تۇرسام

  • ئەلى2 ئاي ئىلگىرى

    ئاجەينىڭ سىڭگام2 فىلىمى 32 مىلىيون دوللار بولغان xeway

  • سۈبھى2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ كىنونى نەدىن كۆرىمىز باللا vip2

  • دېل.2 ئاي ئىلگىرى

    ئوت يۇرەك دىگەن كىنوسىدىن باشقا كىنولىرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكىدەك ، ۋە ياكى ئەخلەت فىلىملەر دەپ بىلىمەن مۇشۇ دىۋىگننىڭ ،، ماۋۇ شەخسى پىكىرىم ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوزىنىڭ ئويلىغىنىنى پىكىر قىلىش ھوقوقى بولىدۇ ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号