باش بەت

del103

3754يوللانما
9مەستانە

يۈزلىگەن مۇتەخەسسىس ئېلون ماسكنىڭ «سۈنئىي ئىدراك ئادەملەرگە تەھدىت» دېگەن قارىشىنى قوللىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 00:03 2 ئىنكاس چۈشتى

ئېلون ماسك 13-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا: «Hackers Have Already Started to Weaponize Artificial Intelligence» (خاككېرلار ئاللىقاچان سۈنئىي ئىدراكنى قورال ئورنىدا ئىشلىتىشكە باشلىدى) ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى.

ئۇ بۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا بۇلتۇرقى بىر تەجرىبىنى تىلغا ئالدى. ئەينى چاغدا ZeroFOX بىخەتەرلىك شىركىتىدىكى ئىككى نەپەر سانلىق مەلۇمات ئالىمى بىر قېتىملىق تەجرىبە ئىشلىگەن بولۇپ، تەجرىبىدە ئىنسانلار بىلەن سۈنئىي ئىدراكنى سېلىشتۇرۇپ، كىمنىڭ تىۋىتتېردىكى يامان غەرەزلىك ئۇلانمىنى باشقىلارغا تېخىمۇ ئاسان چەكتۈرەلەيدىغانلىقى سىنالغان. نەتىجىدە سۈنئىي ئىدراك بۇ جەھەتتە ئادەملەرنى بېسىپ چۈشكەن.

SNAP_R دەپ ئاتالغان بۇ تەجرىبىدە، سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق ھەر مىنۇتتا 6.75 پارچە تىۋىتتېر ئۇچۇرى ئەۋەتىش سۈرئىتىدە 800 نەچچە ئابۇنتقا يامان غەرەزلىك ئۇلانما ئەۋەتىلگەن، ئاخىرىدا 275 كىشى قىلتاققا چۈشۈرگەن. بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئادەملەر ھەر مىنۇتتا ئاران 1.075 پارچە تىۋىتتېر ئۇچۇرى يوللىيالىغان بولۇپ، 129 قېتىملىق سىناشتىن كېيىن ئاران 49 ئادەمنى ئالدىيالىغان.

بەخىتكە يارىشا بۇ پەقەت بىر تەجرىبە، ئەمما ئۇ خاككېرلارنىڭ سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق يامان غەرەزلىك ھۇجۇم قوزغىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە خاككېرلار خېلى بۇرۇنلا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، پەقەت بۇنى بايقاش تەس خالاس.

ماسكنىڭ سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىنسانلارغا خەۋىپ پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەش نەزەرىيەسى ئويلىمىغان يەردىن پىروگراممېرلار توپىدا ئىسپاتلانغان. بۇ يىل 7-ئايدا، خاككېرلار بىخەتەرلىك يىغىنى (Black Hat Conference) دا نەچچە يۈزلىگەن قابىل تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسى لاس-ۋېگاسقا جەم بولۇپ، سۈنئىي ئىدراك ۋە يېڭى تېخنىكا ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى مۇنازىرە قىلىشقان. بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، «كەلگۈسى بىر يىلدا خاككېرلار سۈنئىي ئىدراكتىن پايدىلىنىپ تور ھۇجۇمى قىلامدۇ-يوق» دېگەن سوئالغا، %62 ئادەم «شۇنداق» دېگەن جاۋابنى بەرگەن.

 

Cylance بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ ئالىمى برايىن ۋاللايىس (Brian Wallace) ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېدى:

«خاككېرلار ئىزچىل سۈنئىي ئىدراكنى قورال قىلىپ كەلدى. بۇ بىر رېئاللىق، چۈنكى خاككېرلار كۆلەم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تېخىمۇ كۆپ نىشانغا ھۇجۇم قوزغىيالىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىگە كېلىدىغان خىيىم-خەتەرنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۈنئىي ئىدراك ۋە ماشىنىلىق ئۆگىنىش ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەل قورال بولالايدۇ.»

بۇ نەتىجە دەل ماسك ئەنسىرىگەن يەردىن چىققان. 9-ئاينىڭ بېشىدا ماسك تىۋىتتېردا ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئۇرۇشنى دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئەمەس، بەلكى بىر سۈنئىي ئىدراكلىق ماشىنا ئادەم قوزغىشى مۇمكىن، پەقەت ئۇ ئۇرۇشنى غەلبە قازىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دەپ قارىسىلا.» دېگەنىدى.

بۇندىن باشقا، ئالدىنقى ئايدا ماسك سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدىكى 100 نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بىلەن بىرلىكتە ب د ت غا ئاشكارا خەت يېزىپ، جان ئالغۇچ سۈنئىي ئىدراكلىق قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلەپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى توسۇش تەكلىپى بەرگەن.

ماسكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، گۇگول DeepMind تۈرىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا سۇلايمان (Mustafa Suleyman)، دانىيە Universal Robotics شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قاتارلىق 116 كىشى بۇ ئاشكارا خەتكە ئىمزاسىنى قويۇپ، ب د ت غا جان ئالغۇچ سۈنئىي ئىدراكلىق قوراللارنىڭ خەتىرىنى شەرھلىدى، باشقىچە ئېيتقاندا، «ماشىنا قاتىل»لارنى تىزگىنلەش، شۇنداقلا يەر شارى مىقياسىدا بۇ خىل قوراللارنى ئىشلىتىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھەيرانمەن6 كۈن ئىلگىرى

    سۈنئىي ئىدراك ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق، ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە ياكى باشقىلار پايدىلىنىپ كەتسە كونترۇللىماق تەس، ناۋادا ئۆزىنى تاكاماللاشتۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرلانسا (سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئىقتىدارى، يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇشۇ ئاساستا ئۆزىنى مۇكەمەللەشتۈرۈش ئىقتىدارى بولىدۇ) ئەقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. تەقلىدىي توك يولىدىن رەقەملەك توك يولىغىچە بىر ئەسىر ئۆتتى، رەقەملىك توك يولى بولسا ئومۇملاشقىلى ئەمدىلەتتىن 40 يىلچە بولدى. ئەمدى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇكەممەل توك يولى بولۇش زۈرۈر، بۇ خىل تېخنىكا قاچانلىققا روياپقا چىقىدۇ بىر نېمە دېمەك تەس.ئەمما بىئۇلىگىيەلىك كومپيۇتېر ۋۇجۇتقا كېلىپ قالسا سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار ئادەمنى تامامەن بېسىپ چۈشىشى مۈمكىن.

  • سولو6 كۈن ئىلگىرى

    ئەمسە ئىنسانلار ئىنسانلار ئارسدىكى ئالاھدە ئىقدىرالىق ئادەملەرنى تەييار قىلىپ تەربليگەچ تۇرسا بولغدەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号