باش بەت

زىيارەت

644يوللانما
4مەستانە

ئورگان تورى: مارسېلو ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 00:01 8 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقە كومىتېتى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ بېكى مارسېلوغا بولغان جازالاش قارارىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچرىغان قىلمىشىغا قارىتا 2 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بەرگەن.

ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد كوماندىسى لېۋانت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، مۇسابىقە جەريانىدا مارسېلو يەرگە يىقىلغاندىن كېيىن لېۋانتى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى لېمالنى تەپكەن، شۇ قىلمىشى ئۈچۈن رېپىر بىۋاستە قىزىل كارتا جازاسى بېرىپ مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن.

بۇ جازالاش قارارى «ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىنتىزام قائىدىسى»نىڭ 123-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن چىقىرىلغان، بۇ تارماقتا « مۇسابىقە جەريانىدا زوراۋانلىق تۈسى ئالغان ھەركەتلەر بىلەن قارشى تەرەپ قارشىلىشىش، تالىشىش جەريانىدا بىۋاستە زوراۋانلىق قىلمىشى سادىر قىلىش، ئۇنىڭ ھەركىتىنىڭ خەتەر پەيدا قىلىش ئىھتىماللىقى بولسا، لېكىن ئۇنىڭ ھەركىتى ئەمەلىيەتتە يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان بولسا، ئۇنداقلارغا نىسبەتەن 1-3 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش، ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان 1 ئايلىق مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بېرىلىدۇ.» دىيىلگەن.

مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا ئاساسەن، مارسېلو خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ مېھمان مەيداندا خانلىق جەمئىيەت كوماندىسى، ساھىبخان مەيداندا خانلىق بېتىس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردە مەيدانغا چىقالمايدۇ، ئەلۋەتتە باشقىچە پىكىردە بولغان ساماۋى جەڭ كېمىسى قوشۇنى يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە مۇسابىقە ھەيئىتىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنماقچى بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مادرىتنىڭ پىپىرى يۇقاپتۇ5 كۈن ئىلگىرى

    ھەي بۇ ئىسپانىيە پۇتبولچىلا بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى تۈرمىگە كىرىپ كىتىپ مادرىتنىڭ ئىشى سەل تەس بۇلاۋاتدۇ جىما

  • باغرى قان5 كۈن ئىلگىرى

    ھەي مارسېلو سەنمۇ باشقىلاردەك ئادەم تالاشنى ئۈگەنگەن بولساڭ بەزىلەر بۇنچە دەپ كەتمەيتى

  • ئۈلكەرj5 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى خىلى ئاز چەكلەپتۇ ،،،،ھىچقىسى يوق ،،،تىئو ،،بار ،،ئۇمۇ يامان ئەمەس

  • ھۇررا5 كۈن ئىلگىرى

    ئەخلاق ئادەم زىننىتى دەپ تىكەن

  • ئەۋلىيا ئەزەم6 كۈن ئىلگىرى

    مۇبارەك بوسۇن ، پارتىلما باش …………

  • enzo. amore6 كۈن ئىلگىرى

    ياۋرۇپا ئەمەس دۇنيادىكى ئەڭ ناچار بېكلەر بىر كۇلۇبتا ئوينايدۇ دېدى رىۋايەتلىك پۇتپۇلچى xxxxxx ئۇلار ئايرىم ئايرىم راموس، مارسېلو، كاسمېرو،

  • ئارسىنال6 كۈن ئىلگىرى

    مەن شۇ مۇسابىقىنىڭ ئەسلىسىنى تولۇق كوردۈم. مارسىلو راستىنلا قەستەنلىك بىلەن لىمارنىڭ بىشىغا تىپىپتۇ. مارسىلونىڭ يىقىلىشىغىمۇ لىمار بىۋاستە سەۋەپچى ئەمەسكەن. بۇنداق مەدىنىيەتسىز توپچىلارغا ۋاختىدا چارە كورمىسە يەنە قىلىدۇ شۇنداق ئىشنى. قايسى بىر مۇسابىقىدىمۇ مىسسىنى قەستەن جەينەكلەپ بۇرنىنى قانىتىۋەتكەن كۆرنىشنىمۇ كۆرگەنتىم. مادرىتتا پىپى رامۇس مارسىلو سەل چىدىماس ئۇرۇشقاق توپچىلار، قالغانلىرى ياىشى.

  • خىيال6 كۈن ئىلگىرى

    ئاز بولاپ قاپتۇ تىخى بۇ ئوتانچىلارغا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号