باش بەت

ئەندەر

4650يوللانما
84مەستانە

FIBA ئاياللار ۋاسكېتبول دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 00:05 0 ئىنكاس چۈشتى

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، FIBA (خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى» ئورگان تېۋېتىرىدا ئاياللار دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى.

بۇ رەت تەرتىپتە، ئامېرىكا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 1000 جۇغلانما نومۇر بىلەن 1-ئورۇنغا تىزىلغان، ھەمدە باشقا كوماندىلاردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. ئىسپانىيە ئايارللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 2-ئورۇنغا، فىرانسىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 3-ئورۇنغا، 2017-يىللىق ئاسىيا ئاياللار ۋاسكېتبول لوڭقىسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى 4-ئورۇنغا تىزىلغان، دۆلىتىمىزنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 250 جۇغلانما نومۇر بىلەن 10-ئورۇنغا تىزىلغان، چېخ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن كانادا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى، سېربىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىلىرىنىڭ ئورنى ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا ئارا ئالماشقان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىللىق ئاسىيا ئاياللار ۋاسكېتبول لوڭقىسىدا، دۆلىتىمىز كوماندىسى كورېيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچىنچىلىككە، ياپونىيە كوماندىسى ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە، ئىسپانىيە كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. بۇ يىللىق ئامېرىكا ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە ئامېرىكا كوماندىسى قاتناشمىغان، كاندا كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号