باش بەت

ئەندەر

4590يوللانما
69مەستانە

مادرىد ئاتلېتكىنىڭ كوستانى قوشۇۋېلىش سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:16 2 ئىنكاس چۈشتى

«بوشلۇق تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مادرىد ئاتلېتكا كۇلۇبى چېلسى تەرەپ بىلەن كوستانى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش سۆھبىتىنى باشلىغان بولۇپ، «كىرلىكلەر قوشۇنى» ئىسپانىيەلىك بۇ ھۇجۇمچىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. «بوشلۇق تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مادرىد ئاتلېتكا بىلەن چېلسىنىڭ سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپ ھازىرغىچە بىردەكلىككە كېلەلمىگەن.

مەشقاۋۇل كونتى ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئاخىرىدا كوستاغا كوماندىنىڭ كەلگۈسى پىلانىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، كوستامۇ شۇنىڭدىن كېيىن چېلسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ باقمىغان. كوستانىڭ مادرىد ئاتلېتكىغا قايتقۇسى بار بولسىمۇ، بىراق مادرىد ئاتلېتكا يۆتكىلىش بازىرىدا چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ سودا تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چېلسى كۇلۇبى كوستانى 50 مىليون فوندستېرلىڭ باھادا ساتماقچى بولىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مادرىد ئاتلېتكا كۇلۇبى ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 مىليون فوندستېرلىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سۆيگۈم5 كۈن ئىلگىرى

    ۋاي ماۋۇ كىرلىكلە قوشۇنى نىناندا ئۇزۇن چەكلەنگەن بولغىيتتى توپچى قوشىۋېلىشتىن ، ئۇف ھەجەم زىرىكتۈردى دىسە

  • قارا خەنجەر5 كۈن ئىلگىرى

    60مىليۇن ياۋروغا قايتىدىغان بولدىغۇ، چېلسىنىڭ چاقىرىقىغا چۇرتلا پەرۋا قىلماي ئۇيۇنىنى ئويناۋەردى، شۇڭا چېلسىمۇ باھانى تۆۋەنلەتتى ،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号