باش بەت

زىيارەت

646يوللانما
4مەستانە

مورىنھو: ئىبراھىموۋىچ سەۋرىچان بولۇشى كېرەك

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:31 3 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

تىزى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان ئىبراھىموۋىچ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىش ھەققىدە جىددىي ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، نەچچە لىنىيەدە تەڭ مۇسابىقە ئويناۋاتقان مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش كوماندىغا كۈچ بېرەلەيدىغان ماھىرغا مۇھتاج، ئەمما مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى مورېنھو ئىبراھىموۋىچنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەشقاۋۇل مورىنھو بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ قارىشىمچە بىز راستىنلا ئۇنىڭغا مۇھتاج، بىز ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلايمىز، بىزنىڭ يېتەرلىك سەۋرى-تاقىتىمىز بار، ئۇمۇ بۇ ھەقتە چوقۇم سەۋرىچان بولۇشى كېرەك، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلىدىغان ياكى قاراملارچە ھەركەت قوللىنىپ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى مەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مەيدانغا قايتىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىبراھىموۋىچنىڭ سەۋرىچان بولۇشىنى، ئالدىرىماي ئاستا-ئاستا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

«بىز ھەقىقەتەن ئىبراھىموۋىچقا مۇھتاج، ئەمما بىز ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى قالتىس ئىپادىسىگە ئىگە ئىبراھىموۋىچقا مۇھتاج.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • ناملىق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالۋاستىلار بۇ قېرى قىچىرغا ئەمەس بەلكى رۇنىغا مۇھتاج ئىدى جۇددى مادىرىد رونالدوغا باسا مىسسىغا مۇھتاج بولغىندەك ئالۋاستىلارنىڭ ھەقىقى روھى تۈرۈكى بۇ سوقىندى ئەمەس بەلكى رۇنى ئىدى ئەسلى ئالۋاستىلارغا قەۋەتلا ئامراق ئىدىم لىكىن رۇنىنى كەتكۈزۋېتىپ (بەزى بىلەرمەنلەر رۇنى ئۆزى كەتتى دەپ ماڭا دەرىس بەرمەڭلار ئەگەر مو قاۋان ئىبۇ قىچىرنى ئاساسلىق قىلغۇچە رۇنىنى ئاساسلىق ئەزا قىلغان بولسا ھەرگىز كەتمەيتى رۇنى ھەم ئىبۇ سولىغان شۇ 20نەچچە توپنى رۇنىمۇ سولىيالايتى) ھازىر كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ قالدى بۇ ئالۋاستىلارمۇ ، بوپتۇ ئۇزغۇنلۇقدا 8كۈچلۈكدىلا شاللانسىكەن دەيمەن ئالۋاستىلارنى

  • غۇلجا دەپ.1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىبراھىمىۇۋىچ قاچانمۇ قايتىپ كىلە

  • ئېنگلاند بىرلەشمىسى مەستانىسى.1 ھەپتە ئىلگىرى

    قاچانمۇ قايتىپ كېلەركىن تاڭ ، بۇ ئىبراھىم نوچى، لېكىن تېزراق قايتىپ كەلسە بولاتتى ھەقىقەتەن مانچېستېر ۋە مەستانىلىرى بۇنىڭغا مۇھتاج.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号