باش بەت

durdana

823يوللانما
23مەستانە

31 يىل بولغان چېرنوبېل يادرو ۋەقەسىنىڭ ئاسارىتى بالىلارنى تېخىچە ئازابلىماقتا

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:18 1 ئىنكاس چۈشتى

چېرنوبېل يادرو ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە 31 يىل بولدى، لېكىن ئىنسانىيەتكە بولغان زىيىنى تېخىچە توختىغىنى يوق. بېلورۇسىيە ۋە ئۇكرائىنادا 100 مىڭدەك ئادەم يادرو بۇلغىنىشى سەۋەبلىك ئازابقا دۇچار بولغان. بېلورۇسىيەدە «ۋېسنوۋا ئۆيى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پاراۋانلىق ئورنى بار، بۇ ئورۇندا ئاتوم رادىئاتسىيىسى سەۋەبلىك ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار يىغىۋېلىنغان. بۇ بالىلار ئادەتتىكى بالىلارغا ئوخشىمايدۇ، نۇرغۇنلىرى تېخى چوڭ بولماي تۇرۇپلا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

ئۇلارنىڭ ھاياتى تولىمۇ تىراگېدىيەلىك، كىچىك تۇرۇپلا ئاتا-ئانىلىرى تاشلىۋەتكەن.

سىرىتقى قىياپىتىدىنلا ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى بالىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

1986-يىلىدىن كېيىن بېلورۇسىيە، ئۇكرائىنا چېگىرىسىدا بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان راك كېسىلى بىمارلىرى كۆپىيىپ كەتكەن.

پاراۋانلىق ئورنى پەقەتلا بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ، ئۇلارنى داۋالىتىپ قويىدىغانغا پۇل يوق.

بالىلار كۆپ قىسىم ۋاقتىنى پاراۋانلىق ئورنىدا ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، سىرتقى دۇنيانىڭ قانداقلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.

بۇنداق ھايات بەكمۇ ئېچىنىشلىق، نۇرغۇن بالا ھەتتا ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىمۇ يوق.

بەزى بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى يوق.

ھەر يىلى يېڭىدىن كېسەل بالىلار تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • رەجەپ توپاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    يادىرۇ رادىئاتسىيەسنىڭ تىپىك ئالاھىدىلكى ئۇ ھەرخل ئەگەشمە ۋە غەلىتە كىسەل بۇلۇپمۇ راك كىسلنى كۆپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،تىپك ئالاھىدىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش،ئۆپكە راكى،جىگەر راكى ئاق قان راكى قاتارلقلار كۆپ ئۇچرايدۇ،يادىرۇ سىنقى قىلغان رايۇنلاردا ھەتتا ياۋايى ھايۋانلارنىڭمۇ نەسلى قۇرۇپ كىتىدۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号