باش بەت

زەپەر-7

111يوللانما
2مەستانە

500 جىڭ كېلىدىغان سېمىز ئايال ئورۇقلاپ چىن مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:17 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى باش خەۋەر تورى 11-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

31 ياشلىق شيەن شيەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، تېببىي خادىملارنىڭ يۆلىشى بىلەن، دوختۇرخانىنىڭ ئېغىرلىق كېمەيتىش مېتابولىزم تاشقى بۆلۈمىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تارازىسى ئۈستىدە تۇردى، كۆرسەتكۈچ ساننىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى: 488 جىڭ! بۇ جۇڭگودىكى بىرىنچى سېمىز ئادەمنىڭ 450 جىڭلىق رېكورتىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جۇڭگودىكى بىرىنچى سېمىز بولۇپ قالدى! «مەن ئەزەلدىن نېمىنىڭ تويۇش ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ھەر قېتىم ئاشقازىنىم تىقىلىپ كەتكۈچە يەيمەن». شيەن شيەننىڭ دېيىشىچە، ئۇ زىخلىق يېمەكلىك بىلەن پىۋا ئىچىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بىر قېتىمدا 100 زىخ يېيەلەيدۇ، ئىككى ساندۇق پىۋا ئىچەلەيدۇ. قوۋۇرغا يېسە، بىر قېتىمدە ئىككى جىڭ يېيەلەيدۇ.

شيەن شيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇغۇلغاندا يەتتە يېرىم جىڭ كەلگەن، ئاتا-ئانىسى ئالدىراش بولغانلىقتىن، ئۇنى مومىسىنىڭ ئۆيىگە بېقىشقا ئاپىرىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېقىشقا ئاپىرىپ بېرىلگەنلەردىن باشقا نەۋرە ئاچا-ئىنىلىرى بار ئىدى. كىچىك ۋاقتىدا، باشقا بالىلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن يىغلىمايدىغان بولۇپ، پەقەت ئۇلا يەنە يىغلايتتى، شۇنىڭ بىلەن مومىسى يەنە ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزەتتى، ئۇنىڭ تاماق مىقدارى باشقا بالىلارنىڭ ئىككى-ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. 9 ئايلىق بولغاندا، باشقا بالىلار پەقەت بىر تال جۇۋاۋا يېيەلىسە، ئۇ ئالتىنى يېيەلەيتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى باشقا بالىلارغا قارىغاندا 30 جىڭ ئەتراپىدا ئېغىر ئىدى؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا بەدەن ئېغىرلىقى 190 جىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە 298 جىڭغا چىققان ئىدى.

ئۆزىنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چەتكە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ، 6 يىل سىرتقا چىقمىدى. ئۇنىڭ ئۆيىدىكى تارازانىڭ چېكى 400 جىڭ بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم تارازىغا چۈشكەن چاغدا، تارازىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى سانغا تاقىشىپ قېلىپ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئويلىمىغان يەردىن 500 جىڭغا يېتەي دەپ قالغان ئىدى. دوختۇرخانا ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بەش قېتىم چوڭ تىپتىكى دىياگنوز قويۇپ، مۇتەخەسسىسلەر شيەن شيەننىڭ ئېغىرلىق كېمەيتىش ئوپېراتسىيىسى قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنىڭ يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، دەپ بېكىتتى. مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئوپېراتسىيە كارىۋىتى ياسالدى، يەنە ئۇزارتىلغان ئوپېراتسىيە سايمانلىرى ئەكەلتۈرۈلدى.

11 سائەت جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئاشقازىنى «كىچىكلىدى». شيەن شيەننىڭ ئاشقازان تۈۋى ئوپېراتسىيىسى قىلىنىپ، ئىچكى ئاجراتمىلىرى تەڭشەلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇ ھەر ھەپتىدە ئۈچ تۆت جىڭ ئورۇقلىيالايدىغان بولۇپ، بىر يىلدا 100 جىڭ ئەتراپىدا ئورۇقلىيالايدىغان بولدى. يەنە ئوزۇقلۇق تەڭشەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، نورمال دائىرىگە چۈشىدۇ. ئۇ سىستېمىلاشقان داۋالاش ئارقىلىق ھازىر ئاللىقاچان 200 جىڭغا چۈشتى، بىراق ئۇ يەنە چېنىقىشنى كۈچەيتىشكە موھتاج، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا، بىر گۈزەل مۇھەببەتكە ئېرىشىش. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号