باش بەت

ئەندەر

4590يوللانما
69مەستانە

رېناتو سانچېس بايرېن مىيۇنخېندىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن قېتم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:45 30 ئىنكاس چۈشتى

2016-يىلى 35 مىليون ياۋرو باھادا بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلغان پورتۇگالىيەلىك توپچى رېناتو سانچېس ئالدىنقى پەسىل كىشىنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، ھەمدە بۇ يىل يازدا ئىجارە شەكلىدە سىۋانسى كوماندىسىغا يۆتكەلگەن.

«تەنتەربىيە سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رېناتو سانچېس بايرېن مىيۇنخېندىكى ۋاقتىدا، بىر قېتىم ئىككى كۈنلۈك ئارام ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئايروپىلانغا كېچكىپ قىلىپ، كوماندىنىڭ مەشىقىگە قاتناشمىغان، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئانچېلوتتى ئۇنى جازالىمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، رېناتو سانچېس بۇ پەسىللىك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان، شۇڭا بۇ ئىشىمۇ ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان.

رېناتو سانچېس سىۋانسىغا بىر يىللىق ئىجارىگە بېرىلگەن، توختامىدا سېتىۋېلىش ماددىسى يوق، شۇڭا مۇشۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىيۇنخېنغا قايتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ناملىق5 كۈن ئىلگىرى

    رەڭ نۇرداش كىچىك سانچىس دەپ ئاجاكىسدىن رېسقا يۆتكەلگەن بېك سەنچىسنى دەيسىز بۇ رىناتو سانچىس

    مۇشۇمۇ ياۋروپا ئالتۇن ئۆسمۈرى بولغان ئىدى ھە باللا ئەخلەت نىمىنى سايلاپ

  • ئۆزىل5 كۈن ئىلگىرى

    ياش توپچىدە بۇمۇ ،،،،،،،،،،،،،

  • سۈرخان5 كۈن ئىلگىرى

    سامسۇڭ بەك بەك ياخشى بىلمەيسىلە

  • بابۇر5 كۈن ئىلگىرى

    ئۇييۇ باللا ھەي ، سەلكىن بىر ئېغىز گەپنى خاتا قىپ قويسا تويغۇزۇۋېتىپسىلەرغۇ ، ھەممىڭلا شۇ گەپ ، ئېدىر ئۇرغىنى راس ، لىكىن پورتۇگالىيە كوماندىسىنى كوماندىدىكىلەر ئورتاق ھالدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن، مەلۇم بىر شەخسكىلا تەۋە ئەمەس ئۇ چېمپىيونلۇق

  • شاھزادە5 كۈن ئىلگىرى

    قالتسقۇ باللا سىلە ھەمىڭلا شۇ بىر سەلكىنى ئەيبلەپ ئىنكاس يازغانغا تويغۇزۋېتپسىلە بەلكىم شۇنڭغا ئوخشتىپ قالغاندۇ ۋە ياكى خاتا تۇنۇپ قالغاندۇ ياكى بولمسا، ئېزىپ كېتىپ قالغاندۇ ئۇنچلىك قىلىپ كېتشنىڭ ئورنى يوققۇ ( ئەپسۇسلانغان چىراي ئىپادىسى )

  • ئېللىق دۇنيا5 كۈن ئىلگىرى

    ئىسپاتلار يىتەرلىك بولدى توپنى ئىدىيرنىڭ كىرگۈزگەنلىكىگە ،بۇ مۇرەسسە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن ،نىمانداق كۆپ ئىسپاتلار بۇ ھھھھھھ

  • كۆرەپ كەل5 كۈن ئىلگىرى

    مۇسسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرەپتىكەنسىز ھە سەلكىن يا سىز سەنپەيىنلىك قىلغانمۇ ؟

  • ئاگۈيرو5 كۈن ئىلگىرى

    كاللاڭ جايىدىمۇ يا بىلمىگەندىكىن قالايمىقان گەپ قىلما نەدە بۇ ئۇرىدۇ ئۇ توپنى

  • ئالغا مادرىد5 كۈن ئىلگىرى

    سەن بىلىپ گەپ قىلە توپنى بۇ ئۇرمىدى

  • بوكا5 كۈن ئىلگىرى

    بالووو مۇسابىقە كورەپ گەپ قىللى دەيمە ، ئاسمان قاسقاندا سۆزلىمەي ، ئۇ توپنىچۇ قايلاڭلا ئېيدىر ئۇرغان سانچىس ئەمەس بىلدۇقمۇ يا ئوخخخو

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号