باش بەت

زەپەر-7

146يوللانما
6مەستانە

تىرامپ: قىز كەلتۈرەلمەيدىغان سودىگەر ياخشى زۇڭتۇڭ ئەمەس

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:00 19 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى باش خەۋەر تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيادا مىلياردېرلار ئاز ئەمەس، ئەمما ئامېرىكا يەر مۈلۈكچىلىكىنىڭ پادىشاھى دونالد تىرامپتەك كىشىلەر ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. 

تىرامپنىڭ ئۆزگىچە يېرى ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايلىقى ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە بولغان بوشاشماس ئىنتىلىشى.

تىرامپ ئىزچىل ئاياللارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ، بۇ ھېچقانچە سىر ئەمەس.

نيۇيوركتىكى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئەلا بولۇپلا قالماي، تەنتەربىيەدىكى نەتىجىسى ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ مەكتەپتىكى قىزلار ياخشى كۆرىدىغان يىگىت ئىدى.

تىرامپنىڭ ئۈچ چىرايلىق ئايالى بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل بىلەن، «قۇرۇق سۆلەت بەگزادە» نىڭ قىزلىرى بىلەن ئارىلاشقان، كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان ئاياللار ئۇنىڭ ئەتراپىدا چۆرىدەپ يۈرەتتى.

بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن نيۇ يورك ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ داڭلىق ئەزاسى ئىۋاننا ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى، ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بار. ئىۋاننا تىرامپ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى.

ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن، تىرامپ مودېل ساندرا تايلور بىلەن تونۇشتى، تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشقا چىققاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى پىسا يېيىشكە تەكلىپ قىلدى! ئاندىن ئۇنى ئۆيىگە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ كەتتى، تايلور كېيىن زىيارەت داۋامىدا تىرامپنى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

تىرامپنىڭ ھازىرقى ئايالى مېلانىيا 1970-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن 24 ياش كىچىك. سلوۋېنىيەدىن كەلگەن مېلانىيا ئىلگىرى كەسپىي مودېل ئىدى.

ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ نامى بىلەن مال مۈلكى ئاياللارنى بويسۇندۇرۇش جەھەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى، لېكىن ئۇنىڭ مەيدانى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.

ئۇ يەنە ساھىبجاماللارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، «دۇنيا گۈزىلى»، «ئامېرىكا خانقىزى» قاتارلىقلارنىڭ تاللاش كومىتېتىنىڭ ياردەم بېرىش ئورگىنى بىلەن مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بىراقلا سېتىۋېلىپ، بۇ ساھىبجامال تاللاش پائالىيتىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى خوجايىنى بولۇپ قالدى. 

بۇ يەر-مۈلۈك ماگناتى، ئامېرىكا خانقىزىنى تاللاش رەئىسى قاتارلىق كۆپ سالاھىيەتلىك ئامېرىكىلىق مىلياردېر، ھازىر ئەڭ غەلىتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    خوتېنې.جېقلار دۇنيا سورايدېغان جاھانكەندە.چېڭگېزخانمۇ خوتېننې جېق ئاپتېكەن .دۇنيانې سوراپتۇ.خوتۇنلار ئەقېللېق ئېككې -ئۇچې بېرلەشسە بېر ئەركەكنې دۇنيا سورېتېدېكەن.يارايسېلەر خوتۇنلار -ئاياللار چوكانلار قېزلار .ئاپپاق-ئاپپاق توشقانلار.

  • پىنھان2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ سۈبھىنۇرنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن،

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    سۈبھىنۇرنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.

  • مايمۇن2 ئاي ئىلگىرى

    تىرامپنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئاساسى بار ، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھەم تەسىر كۈچى بار ئادەم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ

  • 180******982 ئاي ئىلگىرى

    قىزى ئىۋانكاغاقارىتامۇ: ئەگەر قىزىم بوپقالمىغان بولسا كەلتۈرىۋالاتتىم ، دېگەن تۇرسا بۇ ئاداش

  • سۈبىھىنۇر2 ئاي ئىلگىرى

    ئۈچ قېتىم ئاجرىشىپ ئۆيلەنگەن ئادەمنى تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلىغانلىقىغا ھەيرانمەن،زۇڭتۇڭ دىگەن ھەممە ئىشتا پۇخرالارغا ئۈلگە بۇلۇشى كىرەك،خوتۇن پەرەس ،ئىشقىۋاز ئادەم ياخشى ئادەم بولمايدۇ ،ئۇنىڭدا مەسۇليەت تۇيغۇسى بولمىغانلىقتىن ئۆز كۆڭلىنىڭ خۇشاللىققى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ نىم بۇپ كىتىشى بىلەن كارى بولمايدۇ ،.مەن بۇ ئادەمنى قوللىمايمەن.

  • ئاق ئەتىرگۈل2 ئاي ئىلگىرى

    پۇلنى دەپ ئويلايدۇ دىگەن كۆز قاراش سىلەدىلا با ئوخشايدۇ ھە … چەتەلدە مۇھەببەت نى خىلى يۇقىرى ئۈستۈندە كۆردۇ جىما …ھەم پۇلىسى با ھەم مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك …كىمنىڭ ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرگىسى يوق …

  • مىھمان بىز2 ئاي ئىلگىرى

    قارىغاندا بەك خۇشچاخچاق ئۇچۇق زۇڭتۇڭكەن تىخى ئاجىرشىپ كەتكەن ئايالى بىلەنمۇ ياخشى ئۆتدىكەن بەكلا كەڭ قورساق
    تىخى ئارقىدىن سۆز چۆچەك قىلغانلارغىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن
    نوچى خو بەردىم ھىلقى يۇغان خۇنى

  • ئۈمۇت2 ئاي ئىلگىرى

    سۇدگەرنىڭ مال دۇنياسنى مەخسەت قىلغانلار پەقەت ۋە پەقەت سۇدا قىلغانلقتۇر ياكى بۇلمسا شۇ سۇدگەرنىڭ بۇيمى، ئشلار ئەپلەشمسە ئۆزنىڭ ئادميلىك روھغا گۇر كۇلغانلىق، ھەققى نەتجە قازانغانلار جەميەت ۋە ئائېلدە سودگەر دىگەن نام بىلەن ئەمەس مەسئۇليەت بىلەن ھۆرمەت تاپقانلاردۇر،

  • ئۇنۇتما2 ئاي ئىلگىرى

    ئوغانبالا خو ، ئەركەك ، ئەركەك دىگەن مۇشۇنداق بولۇشى كىرەك !

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号