باش بەت

زىيارەت

644يوللانما
4مەستانە

AC مىلان ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:42 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

AC مىلان كوماندىسى ياۋروپا «ئىتتىپاق لوڭقىسى» بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندا ئەزالىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، AC مىلان كوماندىسى بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 1 دە مېھمان مەيداندا ئاۋسترىيە ۋېينا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، AC مىلان كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى مونتىللا بۇ قېتىمقى تىزىملىككە بورىنى، رىكاردو رودرېگۇز، ئاندرېئا كونتې قاتارلىق ماھىرلارنى كىرگۈزمىگەن.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ 5-كۈنى سەھەردە AC مىلان كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئاۋسترىيە ۋېينا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئاندرېئا كونتې، گۇستاۋو گومېز، بورىنى، رىكاردو رودرېگۇز، گاببىيا، زانېللاتو. ماۋرى قاتارلىق ماھىرلار بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاندرېئا كونتىلا يارىدار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا بورىنى، رىكاردو رودرېگۇز قاتارلىق ماھىرلارنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرەلمەسلىكىدىكى سەۋەپ بولسا، مەشقاۋۇل مونتىللا ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ دەم ئېلىش مەقسىتىدە بۇ تىزىملىككە كىرگۈزمىگەن.

AC مىلان كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئاۋسترىيە ۋېينا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندا تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچىلار: كىچىك دوننارۇمما، چوڭ دوننارۇمما، ستورارى.

بىكلار: ئابات، ئانتونېلى، بونۇچى، كالابرىيا، رومانوگلى، زاپاتا، مۇساچىئو.

ئوتتۇرا مەيدان: بىگلىيا، چالخانئوغلۇ، مونتىلىۋو، كېسسې، لوكاتېللى، بوناۋېنتۇرا.

ھۇجۇمچىلار: كالىنىچ، كۇترونى، ئاندرې سىلۋا، سۇسو.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号