باش بەت

ئەندەر

4590يوللانما
69مەستانە

ئازپىلىكۇئېتا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزگەن 99-ئىسپانىيەلىك توپچىغا ئايلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:32 2 ئىنكاس چۈشتى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئوينالغان ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، چېلسى 6-0 نەتىجىدە قارا باغ كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، چېلسى كوماندىسىنىڭ بېكى ئازپىلىكۇئېتا بىر توپ كىرگۈزدى، ھەمدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزگەن 99-ئىسپانىيەلىك توپچىغا ئايلاندى، بۇنىڭدىن باشقا، بۇ توپچى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە 35 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.

بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى، گۇلېرمو ئامور ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزگەن تۇنجى ئىسپانىيەلىك توپچىغا ئايلانغان، شۇنىڭدىن كېيىن 304 نەپەر ئىسپانىيەلىك توپچى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقىپ بولدى، ھەمدە بۇ نىڭ ئىچىدە 99 توپ توپچى ئومۇمىي بولۇپ 543 توپ كىرگۈزدى. بىرازىلىيە ۋە فرانسىيەدىن باشقا، ئىسپانىيەلىك توپچىلار ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچىلارغا ئايلاندى.

ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئىسپانىيەلىك 10 توپچى:

1. راھۇل: 71 توپ

2. مورېنتېس: 33 توپ

3. توررېس: 20 توپ

4. لۇيىس ئېنرىك: 19 توپ

5. فابرىگاس: 19 توپ

6. سولدادو: 16 توپ

7. گۇتى: 16 توپ

8. پېدرو: 16 توپ

9. ئېلگۇرا: 15 توپ

10. تىرىستان: 15 توپ

باش سۈرەت تاللاش x
  • بابۇر5 كۈن ئىلگىرى

    راھۇل مادرىدنىڭ توپچىسى، ئىككىنچىسى مورېنتىسمۇ مادرىدنىڭ توپچىسى، دېمەك مادرىد قالتىس دېمەكچىدە

  • ھھ5 كۈن ئىلگىرى

    ۋېللاچو ئۇ كورگۇزمىگەنما

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号