باش بەت

زىيارەت

1041يوللانما
8مەستانە

بايرېن مىيۇنخېن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پاۋلانېر سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:35 3 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بايرېن مىيۇنخىن كوماندىسى كوللىكتىپ ھالەتتە يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان «پاۋلانېر» سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، كوماندا ئەزالىرى شۇنداقلا مەشقاۋۇللار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممە ئەزالىرى بۇ پائالىيەتكە تولۇق قاتناشتى، كۆپچىلىك ھەممىسى باۋارىيە تۈسىدىكى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيگەن ھالەتتە قەدەھ كۆتۈرۈشتى، ئەمما بۈگۈن يەنە بىر ئالاھىدە پىروگىرامما بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كوماندا ھۇجۇمچىسى توماس مۇللېر ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىش، بۈگۈن توماس مۇللېرنىڭ 28 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى، بايرېن مىيۇنخىن كوماندا ئەزالىرى كوللىكتىپ ھالدا توماس مۇللېر ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇداردىن چىقىپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەردى.

بۇ يىل يازدا بايرېن مىيۇنخىن كوماندىسىغا قوشۇلغان يېڭى ماھىرلاردىن تولىسسو، نىكلاس سۈلى، رۇدي، خامىس رودىرېگۇز قاتارلىق ماھىرلار، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل يازدا مەشقاۋۇللار سېپىگە قوشۇلغان سالىھامدزىك، ساگنول قاتارلىقلارمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى، پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزالار باۋارىيە تۈسىدىكى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيگەندىن سىرت كوماندا ئەزالىرى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئويى بويىچە ھەرخىل قىزىقارلىق ھالەتلىرىنى چىقىرىپ، پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ پائالىيەتتىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى:


 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بايرىن-ميۇنخېن (AK97)2 ئاي ئىلگىرى

    ھېېېېېھېېېېېھېېېېھېھېھېېې بايرىن-ميۇنخېن كۇلۇبىنىڭ روناق تېپشى ئۈچۈن ئالغا !

  • رەڭ2 ئاي ئىلگىرى

    رېبىرى لام ئىچمەپتۇ ھى ھى ھى دەيمەن شۇ

  • ئوۋچى2 ئاي ئىلگىرى

    ئەنئەنىۋى كىم بىلەن سالاپەتلىك بوپ كىتىپتۇ،كاستۇم كۇسار دەمدۇق ئۇنى ھاھاھاھا.
    چاقچاق ھە باللا تىللاپ كەتمەڭلا يەنە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号