باش بەت

Ely09

1015يوللانما
23مەستانە

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد 0:3 ئاپوئېل

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 08:35 0 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر 00:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق H گۇرۇپپا بىرىنچى ئايلانمىدىكى ئۇچرىشىش باشلاندى، خانلىق مادرىد ساھىبخان بېرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا ئاپوئېل كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا، بېل ياردەمچى پاس چىقىرىپ، رونالدو بىر توپ كىرگۈزدى، كوۋاچىچ يارىلانغانلىقتىن مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا، بېل نۇقتا توپ پۇرسىتى ياراتتى، رونالدو نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. راموس تەتۈر ئىلمەكچىلاپ بىر توپ كىرگۈزدى. ئەڭ ئاخىرىدا، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن ئاپوئېل كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقىنىڭ 9-مىنۇتىغا كەلگەندە، مارسېلو 45 گرادۇس يۆنىلىش بويىچە توپ تاشلىدى، بېل كاللا توپ ئۈسسۈدى، توپ قاپقىنىڭ ئۈستىدىن ئۆرلەپ چىقىپ كەتتى. 10-مىنۇتتا ئاپوئېل كوماندىسىنىڭ توپچىسى روبېرتو لاگو يىراقتىن قاپقىغا بىر توپ تەپتى، ناۋاس چاققانلىق بىلەن توپنى توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 12-مىنۇتقا كەلگەندە، ئىسكو قارشى تەرەپنىڭ توپچىسىنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن سول تەرەپكە توپنى بۆلۈپ بەردى، بېل توپنى ئېلىپ قاپقىنىڭ ئالدىغا پاس چىقاردى، رونالدو ئارقا نۇقتىدىن توپنى بىۋاستە قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، خانلىق مادرىد 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. 15-مىنۇتتا بېل توپ تاشلىدى، رونالدونىڭ كاللا توپى قاپقىنىڭ يان تەرىپىدىكى تورىغا تەگدى. 21-مىنۇتتا كوۋاجىچ يارىلانغانلىقتىن مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى، كىروس زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى. 45-مىنۇتتا رونالدو چەكلەنگەن رايونغا  بۆسۈپ كىرىپ قاپقىغا تەپكەن توپى قاپقىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.

46-مىنۇتتا كارۋاخال ئوڭ تەرەپتىن توپ تاشلىدى، رونالدو قاپقىنىڭ ئالدىدا بىرىنچى نۇقتىنى ئېلىپ توپنى قاپقىغا تەپتى، توپ قاپقىنىڭ لىمقغا تېگىپ ئاندىن قاپقىنىڭ سىزىقىغا تېگىپ قايتىپ چىقتى. 50-مىنۇتتا بېلنىڭ تاشلىغان توپى قارشى تەرەپ مۇداپىئە توپچىسىنىڭ قولىغا تەگكەنلىقتىن، خانلىق مادرىد نۇقتا توپقا ئېرىشتى، رونالدو نۇقتا توپنى كىرگۈزدى، نەتىجە 2-0 بولدى. 54-مىنۇتتا مودرىچ پاس چىقاردى، رونالدو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قارشى تەرەپ مۇداپىئەچسى تەرىپىدىن يىقىتىۋىتىلدى، رېپىر بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرمىدى، ئىسكو ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ توپنى قاپقىغا تەپتى، قاپقىچى توپنى توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 61-مىنۇتقا كەلگەندە، راموس ئوتتۇرا مەيداندا توپنى تارتىۋېلىپ مارسېلوغا بۆلۈپ بەردى، مارسېلو 45 گرادۇس يۆنىلىش بويىچە توپ تاشلىدى، بېلنىڭ ئۈسسۈگەن كاللا توپى قارشى تەرەپ مۇداپىئە توپچىسىنىڭ بېشىغا تېگىپ قايتىپ چىقتى، راموس قاپقىنىڭ ئالدىدا بىۋاستە تەتۈر ئىلمەك بىلەن توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى. نەتىجە 3-0 بولۇپ، خانلىق مادرىد نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. 85-مىنۇتتا مودرىچ قاپقىنىڭ ئالدىغا پاس چىقاردى، رونالدو توپنى قاپققىغا كىرگۈزدى، لېكىن رېپىر بۇ توپنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ئىناۋەتسىز قىلىۋەتتى. 93-مىنۇتتا كىروس ئالدىغا پاس بەردى، رونالدو چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ، قاپقىنىڭ ئالدىغا پاس چىقاردى، مايورال يېتىشىپ كېلىپ توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى، لېكىن بۇ توپتا يەنە رونالدونى ئورۇن ھالقىغان دەپ ئىناۋەتسىز قىلدى.

پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىپ، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 3-0 نەتىجە بىلەن ئاپوئېل كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ، يېڭى پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتىكى تۇنجى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号