باش بەت

Ely09

909يوللانما
12مەستانە

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: لىۋېرپول 2:2 سېۋىللا

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:02 3 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر 00:45 دە، ئانفېلد پۇتبول مەيدانى كىشىنى ناھايىتى تەقەززا قىلىدىغان بىر مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا سېۋىللا بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بېن يېدېر مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇتتىلا بىر توپ كىرگۈزدى، مورىنو ياردەمچى پاس چىقىرىپ، فىرمىنو بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. سالاھ يىراقتىن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىدە تەتۈر ئاشتى. مانې بىر نۇقتا توپ يارىتىپ، فىرمىنو نۇقتا توپنى قاپقىنىڭ تۈۋرۈكىگە سوقۇپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتىدىغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى. مۇلىر زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ بىر ياردەمچى پاس چىقىرىپ، كورېئا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كوتىنىھو زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ، بۇ پەسىللىك لىۋېرپولغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى. لىۋېرپولنىڭ ياش ماھىرى جول گومېز مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا ئىككى سىرىق كارتا بىر قىزىل كارتىغا ئۆزگىرىپ، مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا 2-2 نەتىجىدە سېۋىللا بىلەن تەڭلەشتى.

مۇسابىقە باشلىنىپ ئەمدىلا بەش مىنۇت بولغاندا، ئېسكۇدرو قاپقىنىڭ ئالدىغا پاس چىقاردى، لىۋېرپولنىڭ ياش ماھىرى جول گومېزنىڭ مۇداپىئەسىدە سەۋەنلىك كۆرۈلگەنلىكتىن، ئارقا نۇقتىدىكى بېن يېدېر توپنى ئاسانلا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى. سېۋىللا مىھمان مەيداندا 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 21-مىنۇتقا كەلگەندە، چەكلەنگەن رايون ئەتراپىدا مورىنو بىلەن ھېندېرسون  پاسلاشقاندىن كېيىن، مورىنو سول تەرەپتىن قاپقىنىڭ ئالدىغا پاس چىقاردى، فىرمىنو بىرىنچى نۇقتىنى تالىشىپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، لىۋېرپول 1-1 نومۇر بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 37-مىنۇتتا سالاھ چەكلەنگەن رايون سىرتىدا توپنى تالىشىپ تارتىۋالغاندىن كېيىن، يىراقتىن قاپقىغا بىۋاستە توپ تەپتى، توپ كېلايننىڭ پۇتىغا تېگىپ يۆنىلىشنى ئۆگەرتىپ بىۋاستە قاپقىغا كىردى، لىۋېرپۇل 2-1 نەتىجە بىلەن تەتۈر ئاشتى. 42-مىنۇتقا كەلگەندە، سېۋىللا توپچىسى پارېھا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت بىلەن مانېنى يىقىتىۋەتتى، رېپىر لىۋېرپولغا بىر نۇقتا توپ بەردى، فىرمىنو تەپكەن نۇقتا توپ قاپقىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۈۋرۈكىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى.

72-مىنۇتتا زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان مۇلىر سول تەرەپتىن پاس چىقاردى، كورېئا توپنى ئېلىپ بىر توختاتقاندىن كېيىن قاپقىغا تەپتى، توپ قاپقىنىڭ يۇقىرىقى بۇلۇڭىدىن كىردى، سېۋىللا 2-2 نومۇر پەرقى بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 76-مىنۇتتا ئەمرى كان مەيدان ئالماشتۇرۇلۇپ، كوتىنىھو بۇ پەسىلدىكى لىۋېرپولغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقتى. قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا لىۋېرپول ياش ماھىرى جول گومېز قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىككىنچى سىرىق كارتىنى ئېستىمال قىلدى، ھەمدە ئىككى سىرىق كارتا قىزىل كارتىغا ئۆزگىرىپ مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى.

ئەڭ ئاخىرىدا لىۋېرپول ساھىبخان مەيدانىدا 2-2 نەتىجىدە سېۋىللا بىلەن تەڭلەشتى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • تاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    لىۋىرپول بىلەن توتىنھامنىڭ ئۇتىشىغا ئاسام ئەجەپ زىيان بولدى،

  • ئۈلكەرj1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي يەي مەنمۇ شۇ ،،لىۋىرپولغا بەك ئىشىنىپ كىتىپتىمەن ،،،،،،

  • پادىچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ما دورىتماندو بىلەن لىۋىرپولغا نىم بوغانتۇ ما مۇسابىقە پەسلىدە ، يا ئۇتتۇرۇپ يا تەڭلىشىپلا يۇگەن تازىمۇ بىر ، يامان يىرى مۇشۇلانىڭ ئۇتۇشىغا لاتارىيە ئەپ قوياپتىكەنمە ....

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号