باش بەت

Ely09

909يوللانما
12مەستانە

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: توتېنھام 1:3 دورتموند

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:14 5 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر 00:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسى تۇنجى ئايلانمىدىكى بىر مەيدان قىزىق نۇقتا جەڭ لوندون يېڭى ۋېمبلېي پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، توتېنھام ساھىبخان مەيداندا دورتموند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا كېن ياردەمچى پاس چىقاردى، ھەمدە بىر توپ كىرگۈزدى، سۈن خيۇڭمىن بىر توپ كىرگۈزدى، يارمولېنكو بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا، ئېرېكسون ياردەمچى پاس چىقىرىپ، كېن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ توتتېنھامنى داۋاملىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، ۋېرتوڭھېن مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتتا قىزىل كارتا ئېستىمال قىلىپ، مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، توتېنھام ساھىبخان مەيداندا 3-1 نەتىجە بىلەن دورتموندنى مەغلۇپ قىلىپ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتىكى تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

مۇسابىقە باشلىنىپ ئەمدىلا تۆت مىنۇت بولغاندا، خارى كېن ئالدىغا تۈز پاس چىقاردى، سۈن خيۇڭمىن توپنى ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەچىسى پاپاستوپۇلۇسنى ئالداپ ئۆتۈپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، توتېنھام 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 11-مىنۇتتا يارمولېنكو ئوڭ تەرەپتىن توپ ئېلىپ كاگاۋاغا پاس بەردى، كاگاۋا توپنى قايتۇرۇپ يارمولېنكوغا بەردى، يارمولېنكو توپنى توختاتمايلا قاپقىغا بىۋاستە تەپتى، توپ ھاۋادا ناھايىتى چىرايلىق يۆنىلىش بىلەن قاپقىغا بىۋاستە كىردى، دورتموند 1-1 نەتىجە بىلەن نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى. 15-مىنۇتقا كەلگەندە، ۋېرتوڭھېن ئارقىدىن ئۇزۇن پاس تاشلىدى، كېن ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى ئالغاندىن كېيىن ئىككى مۇداپىئەچىنى ئالداپ ئۆتۈپ، چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ، كىچىك بۇلۇڭ بىلەن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، توتېنھام 2-1 نەتىجە بىلەن يەنە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 45-مىنۇتتا دورتموند قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىدا قالايمىقانچلىق پەيدا قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوبامېياڭ بىر توپ كىرگۈزدى، لېكىن بۇ توپ ئورۇن ھالقىغان توپ دەپ ئىناۋەتسىز قىلىندى.

56-مىنۇتقا كەلگەندە، ئامۇدې ئىختىيارى توپنى چەكلەنگەن رايونغا تاشلىدى، ئوبامېياڭ ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى، لېكىن يان رېپىر ئوبامېياڭنى ئورۇن ھالقىغان دەپ كىرگۈزگەن توپىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتتى. 60-مىنۇتقا كەلگەندە، دېمبېلې ئالدىغا تۈز پاس بەردى، داۋىد توپنى ئېلىپ ئارقىغا قايتۇردى، ئېرېكسون تۈز پاس چىقاردى، كېن توپنى بىر توختاتقاندىن كېيىن قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، توتېنھام 3-1 نەتىجە بىلەن نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. 80-مىنۇتتا ۋېرتوڭھېن توپنى قوغداۋاتقاندا، گوتزېنىڭ يۈزىگە ئۇرۋەتتى، رېپىر ئۇنىڭغا سىرىق كارتا چىقاردى، ھەمدە ئىككى سىرىق كارتا بىر سىرىق كارتىغا ئۆزگىرىپ مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى. 

پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىپ، توتېنھام ساھىبخان مەيداندا 3-1 نەتىجە بىلەن دورتموندنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتىكى تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • كارىز ئوغلى1 ھەپتە ئىلگىرى

    كوستانى تېزرەك قايتۇرۇپ كەلسە بولاتتى، گىرىزمان ئىككىسى بەك ماسلىشاتتى،atlitko madered

  • كارىز ئوغلى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىككى سېرىق كارتا بىر قىزىل كارتىغا ئۆزگىرەيدۇ ئاداش،

  • مىلان كېچىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    سىرىق ھەرىلەرنىڭ ئاخشام ئىپادىسى بەك قالتىس بولغان. ئوبامىياڭنىڭ بىر توپىنى ئوفسايت قىلىۋەتتى بولمىغان بولسا تەڭلىشىپ قالاتتتى

  • kaktus1 ھەپتە ئىلگىرى

    دىمبىلىنى پۇلغا ھاتقان بىلەن توپ كىرگۈزۈشنى سىتىۋالغىلى بولمايدۇ

  • پادىچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ما پەسىل دورتماندۇ بىلەن مادىرد ئاتلىتكا غا نىم بوغاندۇ ، ئۇتتۇرۇپلا يۇگەن ھەر قىتىم مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئۇتىشغا ئاغان لاتارىيە نىڭ ھەممىسىدە ئۇتتۇرىۋاتىمە ، ئۇتتۇرىشغا ئاغىلى تىخى كۆڭلەم ئۇنىمىدى ، ئاندا قىماي بىرە مەيدان بوسىمۇ ئۇتۇپ مىنىمۇ بىي خوش قىپ قوياڭلا باللا،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号