باش بەت

Ely09

909يوللانما
12مەستانە

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: فېيېنورد 4:0 مانچېستېر شەھىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:24 7 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر 00:45 دە، 2017/2018-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقە F گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە روتتېردامدىكى فېيېنورد پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مانچېستېر شەھىرى مىھمان مەيداندا ئالدىنقى پەسىللىك گوللاندىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە چېمپىيونى فېيېنورد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا، سىتونېسق ئاگۈيرۇ، خېسۇس بىردىن توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا سىتونېس يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. ئەڭ ئاخىرىدا، مانچېستېر شەھىرى مىھمان مەيداندا 4-0 نەتىجە بىلەن فېيېنورد كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ ئەمدىلا ئىككى مىنۇت بولغاندا، مانچېستېر شەھىرى سول تەرەپتىن تاكتىكىلىق بۇلۇڭ توپ باشلىدى، داۋىد سىلۋا توپ تاشلىدى، سىتونېس كاللا توپ كىرگۈزۈپ، 1-0 نەتىجە بىلەن مانچېستېر شەھىرىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى.7-مىنۇتتا مانچېستېر شەھىرىنىڭ بىر قېتىملىق ھۇجۇمىدا، خېسۇسنىڭ ئۈسسىگەن كاللا توپىنى قارشى تەرەپ مۇداپىئە توپچىسى بوتېركىن قاپقىنىڭ سىزىقىدا توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 10-مىنۇتقا كەلگەندە، بېرنادو سىلۋا تۈز پاس چىقاردى، ئاگۈيرۇ ئالدىنقى نۇقتىنى ئېلىپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مانچېستېر شەھىرى 2-0 نەتىجە بىلەن داۋاملىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. 25-مىنۇتقا كەلگەندە، مانچېستېر شەھىرى بۇلۇڭ توپ تاشلىدى، ئاگۈيرۇنىڭ بىرىنچى نۇقتىنى ئېلىپ بىۋاستە قاپقىغا تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى، مېندىي ئارقىدىن يېتىشىپ كېلىپ قايتقان توپنى بىۋاستە قاپقىغا تەپتى، توپنى قاپقىچى توسۇۋالدى، قاپقىنىڭ ئالدىدىكى خېسۇس قايتقان توپنى ئاسانلا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مانچېستېر شەھىرى 3-0 نەتىجە بىلەن نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى.

63-مىنۇتتا، مانچېستېر شەھىرى يەنە بىر قېتىم تاكتىكىلىق بۇلۇڭ توپ باشلىدى، دېبرۇينې توپنى چەكلەنگەن رايون ئىچىگە تاشلىدى، سىتونېس كاللا توپ بىلەن توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى، مانچېستېر شەھىرى 4-0 نەتىجە بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇردى. ئارقىدىن مانچېستېر شەھىرى يەنە بىر قانچە خەتەرلىك ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى.

ئەڭ ئاخىرىدا، مانچېستېر شەھىرى مىھمان مەيداندا 4-0 نەتىجە بىلەن فېيېنوردنى مەغلۇپ قىلدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ھەيران1 ھەپتە ئىلگىرى

    5- نومۇر سېتونىس ئالدىنقى يىلى ئېۋېرتوندىن سېتىۋالغان ، بارسىلونامۇ پېكنىڭ ئىزباسارى قىلىمىز دەپ كىيىن ئاممىغان ئالدىنقى پەسىلدىكى ئىپادىسى ئادەتتكىچە بولغان ، ماۋۇ تۆۋەن بىرلەشمىنىڭ سەۋىيەسى ئاجىز ماھېرلىرنىڭ ئارىسىدا 2 توپ ئۇرۇۋاپتۇ ، بۇ بالىنىڭ ئالاھېدىلكى ئۇزۇن پاس ياخشى ..

  • نېيمار1 ھەپتە ئىلگىرى

    خېسۇس يارايسە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىر ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ماڭدىڭ ئالغا سېنىڭ ………

  • Fc ... Man City1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالدىنقى پەسىل توتىنھامدىن سېتۋالغان . بېك ئىدى بۇ كاللا توپتىن ئىككىنى سولاپ قويدى دىسە .

  • نېيمار1 ھەپتە ئىلگىرى

    خېسۇس ھەممە مەيداندا بىردىن ئىككىگىچە توپ كىرگۈزۈپ مېڭىۋاتىدۇ خېسۇس ئىپادىسىنى ياخشى ساڭا ئامەت تىلەيمىز

  • ئاكاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    5-نومۇر سىتونىس بۇلتۇر قوشۇۋالغان بىك .ئېۋىرتون كۇلۇبىدىن سېتىۋالغان

  • 177******441 ھەپتە ئىلگىرى

    5 نۇمۇر شەھەرلىكلەرنىڭ يېڭى سېتۋالغان توپچىسما باللا يامان بالكەن

  • Fc ... Man City1 ھەپتە ئىلگىرى

    يارايسە شەھەرلىكلە داۋاملىق غەيرەت قىل .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号