باش بەت

زىيارەت

1041يوللانما
8مەستانە

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: لېيپزىگ قىزىل كالا 1:1 موناكو

مەنبە:جىبو 8 تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:40 1 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 0:45 مىنۇت ئۆتكەندە، 2017/2018-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مېھمىنى، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسى قىزىل كالا ئاتلېتىكا توپ مەيدانىدا فىرانسىيە بىرلەشمىىدىن كەلگەن موناكو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە فورىسبېرگ لېيپزىگ قىزىل كالا كۇلۇبىنىڭ تارىخىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى، تېلېمانس چاقماق تېزلىكىدە نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئاخىرىدا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، ئاخىرقى نەتىجە يەنىلا 1-1 بولۇپ ئاخىرلاشتى، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسى كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى مەيدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 1 نومۇرغا ئېرىشتى.

ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسى ئۆزىنىڭ سەل چاغلاشقا بولمايدىغان قالتىس ئەمەلىي كۈچى بىلەن پەسىل ئاخىرىدا گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 2-بولغان، موناكو كوماندىسى بولسا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى شۇنداقلا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 4 كۈچلۈك كوماندىسىنىڭ بىرى، ئاساسلىق ئەزالار ئەھۋالى تەرەپتىن، قىزىل كالا كوماندىسىدىن ۋېرنېر بىلەن پولسېن كوماندىنىڭ ھۇجۇم سېپىنى تەشكىل قىلغان، موناكو تەرەپتىن فالكاۋ يالغۇز ئوق بېشى بولغان، يېڭىدىن كوماندىغا قوشۇلغان يۆۋىدىك بىلەن كېيتا زاپاس ئەزالار قاتارىداتۇرغان، مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككى كوماندا «سەندىن مەن قالامتىم» دېگەندەك بىر-بىرى بىلەن ئىنتايىن كەسكىن جەڭ قىلدى، قىزىل كالا كوماندىسىدىن ۋېرنېر ياكى پولسېن موناكو كوماندىسىغا بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولسا، موناكو كوماندىسىدىن فالكاۋ باشچىقىلىدىكى ھۇجۇم سېپىمۇ ئۇلاپلا قىزىل كالا كوماندىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇسابىقە رېتىمىنى تېزلەشتۈرۈپ، نەق مەيداندىكى مەستانىلەرگە يېقىشلىق بىر مۇسابىقە ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.

مۇسابىقە داۋام قىلىپ 33 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا قىزىل كالا كوماندىسىدىن خالىستېنبېرگ مۇداپىئە رايونىدىن ئالدىغا ئەجەللىك پاس يەتكۈزدى، فورىسبېرگ توپنى ئالغاندىن كېيىن سول تەرەپتىن توپنى ھەيدەپ كىرىپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سول تەرەپتىن كىچىك ئارىلىقتىن قاپقىغا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، لېيپزىگ قىزىل كالا كۇلۇبى تارىخىدىكى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى توپى شۇنىڭ بىلەن تەڭ بارلىققا كەلدى، قىزىل كالا كوماندىسى مەيداندا ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.


بىر توپ كەينىدە قالغان موناكو كوماندىسى دەرھاللا قايتۇرما زەربە بېرىش ئەترىتى تەشكىللەپ قىزىل كالا كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ خوشاللىقىنى 1 مىنۇتتىن كېيىنلا جىمىقتۇردى، تورې توپنى ھەيدەپ كىرىپ چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا تاشلىدى، ئۆزىنىڭ بىۋاستە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى سەزگەن دىئاكابى كاللا پاس بىلەن توپنى ئورنى قاپقا ئالدىغا جايلاشقان تېلېمانسقا يەتكۈزۈپ بەردى، تېلېمانىسنىڭ تۇنجى قېتىمدا قاپقىغا ئۈسكەن كاللا توپى قىزىل كالا كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى گۇلاكسى تەرىپدىن توسۇۋىلىندى، تېلېمانس چاققانلىق قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزۈپ، چاقماق تېزلىكىدە مەيدان نەتىجىسىنى 1:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى، قىزىل كالا كوماندىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇق تارىخىدا تۇنجى توپ كىرگۈزۈش خوشاللىقلىرى بېسىقماي تۇرۇپلا مۇسابىقە نەتىجىسى تەڭلەشتى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 1:1 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىنى غەلبە بىلەن باشلاشنى نىيەت قىلغان ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىشتى، ساھىبخان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان قىزىل كالا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىسبىتى موناكو كوماندىسىدىن كۆپرەك بولدى، ۋېرنېر، پولسېنلارنىڭ نەچچە قېتىملىق خەتەرلىك ھۇجۇملىرىنى موناكو قاپقىچىسى بېناگلىئو تارمار قىلدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا قىزىل كالا كوماندىسىدىن زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن ئاۋگۇستىنۇس ياخشى بولغان توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىدە توپ كىرگۈزەلمىدى، موناكو كوماندىسىدىن فالكاۋ، دىئاكابى قاتارلىق توپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي مەيدان نەتىجىسى 1:1 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

    

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېنگىلاند ئالىي بىرلەشمىسى2 ئاي ئىلگىرى

    ھەر ئىككىلى كوماندىغا ئامەت يار بولغاي قىزىل كالىلار بۇ يىل ئۇزغۇن بولۇپ كەتسە ، خۇددى لېچېستېر شەھىرى ئېنگىلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغىنىدەك ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号