باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

OLED ئېكران جەھەتتە سامسۇڭ Note 8 ئالما iPhone Xدىن كۆپ ئىلغار

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:22 20 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسىنىڭ 14-چېسلا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما iPhone Xقا تۇنجى قېتىم OLED ئېكرانىنى ئىشلەتتى، ئېكراننىڭ چوڭلۇقى 5.8 دىيۇم، پەرقلەندۈرۈشچانلىقى 2436×1125 بولۇپ، نۆۋەتتە پەقەت سامسۇڭلا يېڭى iPhoneنى OLED ئېكرانى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئالما ئىزچىل ھەرقايسى ئېكران ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ئەڭ ياخشى LCD ئېكرانىغا ئېرىشىپ كەلگەن، لېكىن OLED ئېكرانى جەھەتتە ئۇنداق بولمىدى.

ئېكران سىناش تور بېكىتى DisplayMateنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ Note 8نىڭ ئېكرانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى يورۇقلۇق دەرىجىسى 1000 نىتقا يېتىپ، A+ دەرىجىگە ئايرىلغان، ئەمما iPhone Xنىڭ ئەڭ يۇقىرى يورۇقلۇق دەرىجىسى پەقەتلا 625 نىت بولغان، ئەگەر ئالما يورۇقلۇق دەرىجىسىنى قەستەن مۇشۇنداق تەڭشىمىگەنلا بولسا، ئۇنداقتا سامسۇڭ قەستەن ئالمىنى ئەڭ ياخشى OLED ئېكرانى بىلەن تەمىنلىمىگەن بولىدۇ.

سامسۇڭ Note 8 يۇقىرى ھەرىكەتچان دائىرىدىكى سىننىڭ HDR10 فورماتىنى قوللايدىكەن، ئالما iPhone X بولسا HDR10 بىلەن Dolby Visionنى قوللايدىكەن، Galaxy S8 ياكى Galaxy Note 8نىڭ Infinity ئېكرانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى iPhoneنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۆرۈش تور پەردىسىنى كۆرسىتىش ئېكرانى» نىڭ رەڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى جەھەتتىكى ئىپادىسىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن سامسۇڭ يەنىلا iPhone Xتىكى ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 185******565 كۈن ئىلگىرى

    سۈرخان كاتتا ئەربابقا ئوخشىاپ قېلىۋاتامدۇ نىمە؟ئالاھىتەن تەكلىپكە يارىشا كەمتەرلا بىر ئېغىز سۆز
    قاقاقلاپ كۈلگەن ئىپادە

  • روھلان5 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە يەنىللا ئۆزىمىزنىڭ خۇۋېي ياخشى چۈنكى ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلىغا قارىتا ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ

  • راۋان5 كۈن ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىدۇ چۈنكى ئالما تېلېفوننىڭ ئىكراننى سەنشىڭ شىركىتى ياسايدۇ

  • ئالمابىرىنچى6 كۈن ئىلگىرى

    سامسا چىرايلىق بولغىنى بىلەن بۇزۇلۇپ قالسا سايمىنى بەكلا قىممەت بولۇپمۇ ئېكرانى ئاسان سۇنىدۇ

  • مۆتىۋەر6 كۈن ئىلگىرى

    ھەممەتىلپپۇن ياحشى پۇلى مۇۋاپق بولسا

  • xah zada6 كۈن ئىلگىرى

    مەن دىگەن نۇرداش ئا بازاغا بېرىپ چىققىلى ئۈچ يىل بولاي دىگەن iphone6 بىلەن GlayksS7 نىڭ باھاسىنى سوراپ بېقىڭ پىركازچىك نىمە دەيدىكىن گىپىڭىز دىن قارغاندا سامسۇڭنىڭ 专卖店 سىنى ئاچىدىغان ئوخشىمامسىز؟

  • مەن6 كۈن ئىلگىرى

    ئاندريد نىڭ سىستېمىسى ھازىر 8. 0بولدى ئالمىنىڭ 11. 0بولدى ھەي ھەسەتخورلۇق قىلماڭلا

  • مەن6 كۈن ئىلگىرى

    سامسۇڭ ياخشى لىكىن يىڭىدىن بازارغا چىققاندا ۋاقىتتا بەكلا قىممەت ئازراق ۋاقىت ئۆتسە شاپاق نەرقى بۇلۇپ كىتىدۇ ئالما باھاسى ئاسان چۇشمەيدۇ

  • 156******676 كۈن ئىلگىرى

    ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ياقتۇرۇشىمۇ ھەرخىل بولىدۇ ، شۇڭا توردىكى ئىنكاسلارغا ئانچە پەرۋا قىلماسلىق كېرەك ، ھەركىمگە ئۆزى ياقتۇرغىنى ئەڭ ئىسىل مال ، مەن مۇشۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇن چىققاندىن بىرى ئالما ئىشلىتىپ باقمىدىم ، ئاندىروئىد يانفۇنلارنىڭ ھەرخىل ماركىدىكىدىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ، ئالما تېلىفۇن ئىشلىتىشكە قۇدرىتىم يېتىدۇ ، بىراق يەنىلا ئاندىروئىد قا كۇنەپ قاپتىمەن ، ئالمىغا كۇنۇش ئۇچۇن خېلى ۋاقىت كەتكىدەك ، ھازىرقى تېلىفۇن جېڭىدىكى كەسكىن كۆرەشتە ئالما بىلەن سامسۇڭ ئالدىنقى سەپتە جىددى ئېلىشىۋاتىدۇ ، بۇ ئىككىسىدەك ئىسىل تېلىفۇنلار چىقىدىغانغا يەنە ۋاقىت بار ، سامسۇڭنىڭ ئالمىدىن ئېشىپ كەتكەن تەرەپلىرىمۇ بار ، بىراق يەنىلا ئادىل ، ھەققانى تەرەپتە تۇرۇپ باھا بەرگەندە خەلىقئارادا ئالمىنىڭ ئىناۋىتى سامسۇڭدىن بىردەرىجە ئۇستۇن ئورۇندا تۇرىدۇ ، بۇ توردا نىمە دەپ چالۋاقىغان بىلەن ئەمەلى ئەھۋالنى ئۆزگەرىتكىلى بولمايدۇ ، ئاندىروئىد تېخىمۇ ئىلغار سېستىمنى بارلىققا كەلتۇرمىگىچە ئالمىغا رىقابەتچى بولالمايدۇ .

  • شەمشەر6 كۈن ئىلگىرى

    ماراقچىلا سىلەمۇ چىقىڭلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号