باش بەت

نۇسرەتگۈل

6529يوللانما
56مەستانە

ئىتتىپاق يولىدىن ئارقا بۇلاق يولىغىچە يېپىق قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:13 0 ئىنكاس چۈشتى

مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋەر قىلىدۇ: ئىگىلىنىشىچە، «جۇجياڭ» يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان بۆلىكى، «ئىتتىپاق» يولىدىن «ئارقا بۇلاق» يولىغىچە 14-سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدىكەن. بۇ يەردىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار «ئوتتۇرا بۇلاق»، «نەنۋەن» ، «ئارا بۇلاق»، «ئارقا بۇلاق» قاتارلىق كوچا، يوللاردىن ئايلىنىپ ئۆتسە بولىدىكەن.

بۇ قېتىمقى يېپىق ھالەتتىكى قۇرۇلۇش «ئىتتىپاق» يولى بىلەن «ئىتتىپاق» 4-كوچىسىنىڭ كېسىشكەن ئورنىدىن «ئوتتۇرا بۇلاق» كوچىسى بىلەن «ئىتتىپاق» 4-كوچىسىنىڭ كېسىشكەن ئورنىغىچە ھەم «ئوتتۇرا بۇلاق» كوچىسى بىلەن «ئىتتىپاق» 4-كوچىسىنىڭ كېسىشكەن ئېغىزىدىن «ئارقا بۇلاق» يولى بىلەن «ئىتتىپاق» 4-كوچىسى بىلەن كېسىشكەن ئورنىغىچە  ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يېپىق ھالەتتىكى قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كېيىن، «ئىتتىپاق» يولىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدىكى قاتناش تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن. «ئوتتۇرا بۇلاق» كوچىسىدىن «نەنۋەن» كوچىسىغىچە، «ئارا بۇلاق» كوچىسىدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار «ئىتتىپاق» 4-كوچىسىدىن «ئارقا بۇلاق» يولىغا ئايلىنىپ، يەككە يۆلىنىشتە قاتنايدىكەن.

14-سېنتەبىردىن باشلاپ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى «جۇجياڭ» يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىش بۆلىكى ئەتراپىنى توسۇپ قۇرۇلۇش قىلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号