باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

ماسك : تېسلا بىر ئايدىن كېيىن توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلىدۇ

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:59 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى پەن-تېخنىكىسى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك بۇ ھەپتە مىكرو بلوگدا تېسلانىڭ بىر ئايدىن كېيىن توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماسكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كالىفورنىيەدىكى Hawthorne دا ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ يەر SpaceXنىڭ زاۋۇتى بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن تېسلا بۇ يەردە ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ باققان.

ھازىر كىشىلەر تېسلانىڭ توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلغا قارىتا ئانچە كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ بىر قېتىم توك قاچىلىغاندىكى يۈرۈش مۇساپىسى 200-300 مىل (تەخمىنەن 360-480 كىلومېتىر) ئىكەن، شۇڭا ئۇزۇن يوللۇق ترانسپورتتىكى رايونلۇق تىرانسپورت ئۇنىڭغا تېخىمۇ ماس كېلىدىكەن. تېسلا تەمىنلىگەن سۈرەتكە ئاساسلانغاندا، بۇ يۈك ئاپتوموبىلى قارىماققا زامانىۋى تىراكتورغا ئوخشاپ قالىدۇ.

ماسىك مىكرو بلوگدا بۇ يۈك ئاپتوموبىلىنى «يىرتقۇچ» دەپ ئاتىغان.

دىزېل يېقىلغۇلۇق يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلى نۇرغۇن يېقىلغۇ ۋە ئاسراش خىراجىتىنى تېجەپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شاۋقۇنى بىر قەدەر تۆۋەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھىتنىمۇ ئاسرايدۇ. ئەلۋەتتە، يۈرۈش مۇساپىسى ۋە زەرەتلەش ۋاقتى يەنىلا بىر مەسىلە . 

سودا ئاپتوموبىلى تېسلانىڭ بىر مۇھىم بازىرىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى تېسلانى نىشانلىدى، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تېسلا يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ساھەسىدە تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号