باش بەت

نۇسرەتگۈل

6597يوللانما
60مەستانە

لوندوندىكى سومالىلىق ئانا-بالا كوچىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقنى ئۆي قىلىۋالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:29 7 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيادا ھەيران قالغۇدەك ئىشلار كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى بىر ئانا-بالا 3 يىلدىن بۇيان كوچىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ناھايىتى رېتىملىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلمەكتە. مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۇلارغا ئاشخانا سايمانلىرى دېگەندەك لازىمەتلىكلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بىر ئۆي بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تۇرۇشنى خالىمىدى، ھېچكىمنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىدى.

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سومالىلىق بىر ئانا-بالا 3 يىلدىن بۇيان لوندون كوچىلىرىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا تۇرۇپ، يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ ئويغانغان، كوچا چىراغلىرى ئۆچۈشى بىلەن ئۇيقۇغا كەتكەن. نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر گەرچە ئۇلارغا تۇرالغۇ جاي بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككەيلەن چىرايلىقچە رەت قىلغان.

شۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇنىڭغا چىداپ بولالماي ئۇلارغا بىر ئۆي تېپىپ بېزىتىپ، ئىككى كارىۋات قويۇپ بەرگەن، ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ ھەممىنى تەييار قىلىپ بەرگەن. بۇ ئۆينىڭ ئىجارە ھەققىمۇ ئارانلا 1500 فوندستېرلىڭ ئىدى.

بىراق، بۇ ئانا-بالا ئۇ ئۆيدە تۇرۇشنى خالىمىدى، ھەتتا قاراپمۇ قويمىدى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە شۇ جايدىكى سومالىلىقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ يېڭى ئۆيىگە بېرىپ تۇرۇش ئۆتۈنۈشىنىمۇ رەت قىلىۋەتتى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار: «ناۋادا بىرەيلەن باشقىلارنىڭ ياردىمىنى رەت قىلغان بولسا بۇ ئۇنىڭ تاللىشى ۋە قارارى. بىز ئۇنى ياردەمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايمىز» دېدى.

سومالىلىق بۇ ئانا 60 نەچچە ياشلاردا، ئوغلى 20 نەچچە ياشلاردا بار. ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى بۇ ئانا-بالا ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ھەمدە ئىككى چامادانىنى ئېلىپ لوندون كوچىلىرىدا سەرسان بولۇپ يۈرگەندىن كېيىن كوچىدىكى ئورۇندۇقنى ئۆي قىلىۋالغان. 3 يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ قانچە ئورۇندۇقتا تۇرۇپ بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلىمەيدۇ. يېقىندا، ئۇلار بىر ئاممىۋىي كۇتۇپخانا يېنىدىكى ئورۇندۇققا «كۆچۈپ» كەلدى. 

قارىماققا بۇ ئانا بالا ھازىرقى تۇرمۇشىدىن بەكلا رازىدەك كۆرۈنىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى ئۇيقۇسى قانغاندا ئويغىنىدۇ، يېمەك-ئىچمىكى، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى يېقىن ئەتراپتىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ. يەنە تېخى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئۇلارغا پات-پات يېمەك-ئىچمەك بېرىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر تېخى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزىتىپ، مەشغۇلات جەۋدىلىمۇ تۈزۈپ باقتى.

بۇ ئانا-بالا ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30دا ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ 10:45تە ئوغلى كۇتۇپخانا تېمىنىڭ بۇلۇڭىغا كىچىك تەرەت قىلىدۇ؛ سائەت 11دە ئانا-بالا ئىككەيلەن ھەسەل ۋە ساندىۋىچ بىلەن ناشتا قىلىدۇ؛ چۈشتە قەھۋە ئىچىدۇ، ئوغلى MP3تە مۇزىكا ئاڭلايدۇ؛ چۈش سائەت 1دە ئانىسى كۇتۇپخانىغا بارىدۇ. ئارقىدىن ئۇلار بىرلىكتە كوچا ئايلىنىدۇ.

چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە ئوغلى چۈشلۈك تاماق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار چۈشلۈك تامىقىغا ئادەتتە توخۇ گۆشى ۋە بەرەڭگە قەلەمچىسى يەيدۇ؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 2:45دە ئانىسى سەيلە قىلغىلى بارىدۇ، ئوغلى كۈنلۈك ئاستىدا كىتاب ئوقۇيدۇ؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 4:20دە ئوغلى چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلايدۇ؛ كەچ سائەت 7دە ئىككەيلەن قەھۋە ئىچىدۇ؛ كەچ سائەت 8دە ئوغلى بەدىنىگە پۇراق يوقاتقۇچ سېپىدۇ، ئانىسى تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرىدۇ؛ كەچ سائەت 9دا ئوغلى توخۇ گۆشى ئېلىپ كېلىدۇ؛ كەچ سائەت 10:30دا ئانىسى ئۇخلايدۇ، ئوغلى مۇزىكا ئاڭلايدۇ؛ يېرىم كېچە بولغاندا ئۇلار سۇ ئۆتمەس يوپۇقنى يېپىپ ئۇيقۇغا كېتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سولتەك1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياۋروپا لىقلارنىڭ نىمە ئ ئۈچۈن سەرگەردانلار نى قوبۇل قىلغىسى يوقلىقىنى غىل پال ھىس قىلغاندەك بولدۇم

  • مىھمان بىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    راس ئۇلار غەمسىز بولغانكىن سەل چەت ياقىلاردا ياشىسا بۇلاركەن

  • دېڭىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    باشقا ئىشلىرىمۇ مەيلى بىراق ئورۇندۇقنىڭ ئەتراپىغىلا چوڭ كىچىك تەرەت قىلغىنى قاملاشماپتۇ، ئۆزىنىڭ تەرتى پۇراپ تۇرسا قانداق تاماق يەيدىغاندۇ، مىنىڭچە قولنىمۇ يۇماي تاماق يەيدىغان چىراي ئاۋۇ قاسماق،

  • kaktus1 ھەپتە ئىلگىرى

    توۋا چوپچوڭ بىر ئەركىشى تىلەپ يىيىشكە نۇمۇس قىلمايدىكەن ئەسلى سۇمالىغا بېرىپ ياشىسا بوپتىكەن ئۇ كارۋات ئارتۇق كىتىپتۇ

  • kaktus1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنچە بۇلار كاللىسىنى پەقەت يىيىش ئۈچۈنلا ئىشلەتسە كېرەك

  • 177******801 ھەپتە ئىلگىرى

    چۆل-جەزىرىدە يارىشىدىكەن سەرگەردانلىق ، شەھەردە سەرگەردانلىق ئادەمگە تەييارتاپلىق ،لايغەزەللىك كۆرۈندىكەن،

  • سالامجـــون1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەنگىليەدەك بىر دۆلەتتە ئانىسىدەك بىر ئايال قىشىدا ياتسا بۇلۇڭغا تەپ تارتتماي تەرەت قىلۋىتىپتۇ ياۋۇ نا ئەھلى ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号