باش بەت

zefer

612يوللانما
35مەستانە

iPhone Xنىڭ تېز زەرەتلىگۈچىسى قالتىس، ئەمما ئايرىم پۇل خەجلەيسىز

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:14 23 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-سېنتەبىر كەچتىكى كۈزلۈك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالما: «8 iPhone بىلەن iPhone X تېز سۈرئەتتە زەرەتلەشنى قوللايدۇ، 30 مىنۇتتا %50 زەرەتلىگىلى بولىدۇ» دېگەن تەپسىلاتنى تىلغا ئالمىدى، ئاڭلىماققا بۇ ئىقتىدار خېلىلا قالتىس، ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم بەدەل تۆلەپ، ئايرىم زاپچاس سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئېھتىمال دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئەقلىيفوننى ئېلان قىلىۋاتقان ئالما شىركىتى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇنى تىلغا ئېلىشتىن تارتىنغاندۇ.

تېز سۈرئەتتە زەرەتلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن iPhoneغا USB-C توك مەنبەسىنى ماسلاشتۇرغۇچ بىلەن USB-C to Lighting توك سىمى ئىشلىتىلمىسە بولمايدۇ، لېكىن بۇ زاپچاسلارنى ئالما ھەرگىزمۇ سىزگە ھەقسىز سوۋغا قىلمايدۇ. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغان 10.5 دىيۇملۇق iPad Pro بىلەن 12.9 دىيۇملۇق يېڭى iPad Proمۇ تېز سۈرئەتتە زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

نۆۋەتتىكى ئەڭ ئەرزان توك مەنبەسى ماسلاشتۇرغۇچ 12 دىيۇملۇق MacBookنىڭ 29Wلىق توك مەنبەسى ماسلاشتۇرغۇچى بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 50 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 330 يۈەن)، ئەلۋەتتە ئۈچىنچى تەرەپ توك مەنبەسى ماسلاشتۇرغۇچىنىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بىراق پارامېتىرىنىڭ ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 

iPhone 8 بىلەن iPhone X سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، لېكىن زەرەتلەۋاتقاندا يانفون ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە قانداق قىلىش كېرەك. ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار تېز سۈرئەتتە زەرەتلەشنى قوللايدىكەن، بىراق ئالما يەنىلا مەرد ئەمەس، دائىم زاپچاسنى ئايرىم سېتىپ، ئابۇنىتلىرىنى ئارتۇق پۇل خەجلەتكۈزىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سۈرخان2 ئاي ئىلگىرى

    توغرا ئالما بەك ياخش……………توغرا

  • eLYaR BeG2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخاننى قوللايمەن ئالما سامسۇڭنىڭ ئالدىدا نان تىلەيدۇ سامسۇڭ قىلغاننىڭ ئوننىڭ بىرنى قىلالىغان بوسا ئىش باكەن تېخى بۇ ئالمىغا

  • Banana Phone2 ئاي ئىلگىرى

    سەندە تۇرماس بۇ دۆلەت
    مەندە تۇرماس بۇ مەينەت
    نامراتلارنىڭمۇ تىرىشسا ھاللىق سەۋىيەگە يىتىپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدقغان ۋاقىتلىرى كىلىدۇ، يەنە مۇنۇ بەزى بەك غادىيىپ كەتكەن بايلارنىڭمۇ نەچچە كويچەنگە زار بولىدىغان كۈنلىرىمۇ ھەم كىلىدۇ، مەن باي دەپلا نامراتلارنى كەمسىتمەيلى، ئەجىبا ئۇلارنىڭمۇ تىرشىپ پۇل تىپىپ سىزدەك باي بولغۇسى يوقما؟؟ ئۇلار تىرشىۋاتىدۇ، بىراق شارائىت يار بەرمەيۋاتىدۇ، بەزەنلەر ھازىرقى بەزى ئىشلارنى بۇ جاھاننى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆيدىن سىىرىتقا چىقىپ باقمىغان

  • نامەلۇم2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان سامسۇڭ شىركىتىنى سىز ئاچقانما

  • تەشۋىش2 ئاي ئىلگىرى

    بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى مانا مۇشۇ يەردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيىتى يوق پەقەت داۋراڭ سېلىشنىلا بىلىدىغان.....

  • يالغان ياۋىداق2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ئاغىنىلەر ئويلىشىپ ئنكاس يازىلى ھە بىر كىمنڭ قەستەن نامرات بولغىسى بارما بەش قول دىگەن تەڭ ئەمەس ھەممە ئادەم باي بوپ كەتسە بىر كىمگە بىرىنىڭ ھاجىتى چۈشمىسە بۇ جاھان نىمە بوپ كىتىدۇ ھەممە ئادەم ئھسان بىلەن ياشايلى

  • نۇر2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ سۇرخان دىگەن تورداش سەل چىدىماس بالىكەن سەل نامرات ئوخشايدۇ ھە دىسە ئاقماس گەپ قىلىپ توۋۋا دەڭ ھە بالا

  • دىلىم2 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭچە تېلىفون ئادەمنىڭ كۈندۈلۈك ئالاقىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسىلا بولدى، ھەرگىزمۇ كىشىلىك سۆلەتنىڭ يۈكسەك چوققىسى بولۇپ قالماسلىق كېرەك، مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم،

  • مېخانىك2 ئاي ئىلگىرى

    تىم كوكنى قوللايدىغانلار تېزدىن ئېلىڭلار ،

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    ئەر دىگەن تورداش دەششەت ئۇرۇنلۇق گەپ قىپسىز، سىزگە يۈز بىلەت كەتتى، دىمىسىمۇ بەزەن چىدىماسلار ئالما ئالغىنىغا چىدىماي يۇقسۇللارغا بەرمەيدۇ دەپ كىتىشلىرى بار، ھەممە ئادەم ئىشلەپ ياخشى تۇرمۇشقا ئىرشىشنى ھەم ياخشى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ، بايلار نامىراتلاردىن بەكراق ئىشلەيدۇ ھەم كاللا ئىشلىتىدۇ، بايلار پۇلنى نامىراتلارنى بېقىش ئۇچۈنلا تاپمايدۇ، نامىراتلارمۇ ئىشلىسە بۇلىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号