باش بەت

ئابدۇجېلىل سەمەت

73يوللانما
0مەستانە

ئالداپ سېتىۋېتىلگىنىگە 22 يىل بولغان ئايال داقا-دۇمباق بىلەن قارشى ئېلىندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:00 2 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 14-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9 – ئاينىڭ 13 –كۈنى ئالداپ سېتىۋېتىلگىنىگە 22 يىل بولغان 40 ياشلىق لى خانىم ئاخىرى ئۆيگە قايتتى، دادا-بالا كۆرۈشۈپلا يىغلىشىپ كەتتى. ئۇ تىزلىنىپ دادىسىنىڭ بۇرۇن باققان ئەجرىگە رەھمەت ئېيتتى.

بۇ كۆرۈنۈش شۇ يەردە تۇرغان باشقا يۇرتداشلارنىڭمۇ كۆزىنى نەملىدى.

مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ داقا-دۇمباق چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ كۈتۈۋالدى.

نەق مەيداندىن كۆرۈنۈش

بۇرۇنقى تونۇش-بىلىشلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىغىلى كېلىشتى.

لى خانىم ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئانىسىنىڭ سۈرىتى ئالدىدا تىزلىنىپ، كۈجە يېقىپ باش قويۇپ «ئانا، مەن كەلدىم» دېدى. نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشنى خاتىرىلىۋالدى.

22 يىلدىن كېيىن ئۆيگە قايتقان لى خانىم ئۆسۈپ بوي تارتقان جىيەن قىزىنى كۆردى، ئىككەيلەن قۇچاقلىشىپ خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈشتى.

22 يىلدىن كېيىن قايتا جەم بولغان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىشىك ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالدى. ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭمۇ ئىشىكىدىكى مەسنەۋىدە يېزىلغاندەك «ئۆي ئىناق، بىز ئامان، تۇرمۇش شادىمان» بولۇشىنى تىلەيمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • توۋا6 كۈن ئىلگىرى

    نۇر تورىدىكى تەھرىر تەرجىمانلار خەۋەرنى تۇلۇق، سەۋەپ نەتىجىسىنى قۇشۇپ يوللىساڭلا

  • DAHXAT POQI6 كۈن ئىلگىرى

    بەك تەسىرلىككەن ھەي ،باش يوقكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号