باش بەت

نۇسرەتگۈل

6597يوللانما
60مەستانە

ئامېرىكىدىكى بىر تاللا بازىرىدا بىر ئايال «كۆكتات مۇنچىسى»غا چۈشمەكچى بولدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:00 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا توردا ئامېرىكىنىڭ جورجىيە ئىشتاتى سىتونخىل شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىدىن تارتىۋېلىنغان سىن تارقالغان بولۇپ، سىندا بىر ئايالنىڭ كۆكتات دۆۋىسى ئىچىگە كىرمەكچى بولغانلىقى ھەمدە يېنىدىكى كۆتاتلارنى ئېلىپ پۇتى ۋە بوينىغا سۈرۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ تاللا بازىرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى نەسىھەت قىلماقچى بولغاندا ئۇ ئايال: «مېنى خارلىدى! بوزەك قىلدى!» دەپ توۋلاپ تۇرۇۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ئامانلىق ساقلىغۇچى نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايال يەنە تاللا بازىرىدىكى ئىككى خېرىدارنى سەۋەبسىزلا ئۇرغانلىقتىن، تورداشلار ئۇنى نېرۋىسىغا تەسىر قىلىدىغان دورا يەۋالغان بولغاچقا ھەرىكىتىنى كونترول قىلالماي مۇشۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. نۆۋەتتە، بۇ ئايالنىڭ سالاھىيىتى تېخى ئېنىقلانمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号