باش بەت

زىيارەت

1060يوللانما
9مەستانە

ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسى نەتىجە خەۋىرى

مەنبە:جىبو 8 تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:02 9 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋە 9-ئاينىڭ 14-كۈنلىرى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن، 2017-2018-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى، تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى 5 كوماندا 4 مەيدان غەلبە بىلەن 1 مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىجە ياراتتى، بۇمۇ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى تاق ئايلانما يۇقىرى نومۇر رىكورتىنى يېڭىلىدى، 

تۆۋەندە ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ تۇنجى ئايلانمىدىن كېيىنكى نەتىجىلىرىگە قاراپ باقايلى.

A گۇرۇپپا: مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى 3-0 باسېل كوماندىسى، بېنفېيكا كوماندىسى 1-2 موسكۋا مەركىزىي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كوماندىسى.

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن موسكۋا مەركىزىي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كوماندىسى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

B گۇرۇپپا: بايرېن مىيۇنخىن كوماندىسى 3-0 ئاندېرخېلت كوماندىسى، كېلىتلىقلار 0-5 پارىژسانت گېرمان كوماندىسى.

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن نەتىجە ھەممەيلەننىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بايرېن مىيۇنخىن كوماندىسى بىلەن پارىژسانت گېرمان كوماندىسى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

C گۇرۇپپا: چېلسى كوماندىسى 6-0 قاراباغ كوماندىسى، رىم كوماندىسى 0-0 مادرىد ئاتلېتىكا  كوماندىسى.

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن «كۆك قوشۇن» غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، رىم كوماندىسى بىلەن مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى تەڭلىشىپ قالغانلىقتىن بىردىن نومۇرغا ئېرىشتى.

D گۇرۇپپا: بارسېلونا كوماندىسى 3-0 يۇۋېنتۇس كوماندىسى، ئولىمپىياكۇس كوماندىسى2-3 پورتۇگالىيە تەنتەربىيىسى كوماندىسى.

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن بارسېلونا كوماندىسى بىلەن پورتۇگالىيە تەنتەربىيىسى كوماندىسى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

E گۇرۇپپا: لىۋېرپول كوماندىسى 2-2 سېۋىللا كوماندىسى، مارىبور كوماندىسى 1-1 موسكۋا سىپارتاك كوماندىسى. 

بۇ گۇرۇپپىدا بىر قەدەر كۈچلۈك ھىساپلىنىدىغان لىۋېرپول كوماندىسى بىلەن سېۋىللا كوماندىسى تەڭلىشىپ قالدى، مەيدان نەتىجىسىدە تەتۈر ئاشقان لىۋېرپول كوماندىسى نەق مەيداندىكى مەستانىلىرىگە غەلبە مىۋىسىنى بېرەلمەي قالدى، بۇلارغا ئەگىشىپ سلوۋىنىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن مارىبور كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا روسىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن موسكۋا سىپارتاك كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 60 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا مېھمان كوماندا موسكۋا سىپارتاك كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ 85 مىنۇت بولغان ساھىبخان مارىبور كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، تۇنجى ئايلانمىدىن كېيىن بۇ گۇرۇپپىدىكى بارلىق كوماندا 1 دىن نومۇرغا ئېرىشتى. مارىبور كوماندىسى 1-1 موسكۋا سىپارتاك كوماندىسى

F گۇرۇپپا: فېيېنورد كوماندىسى 0-4 مانچېستېر شەھرى كوماندىسى، دونېتسىك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى 2-1 ناپولى كوماندىسى.

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن مانچېستېر شەھرى كوماندىسى بىلەن دونېتسىك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى غەلبىگە ئېرىشتى، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ھەممەيلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ قارىغان ناپولى كوماندىسى مېھمان مەيداندا دونېتسىك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى، ساھىبخانلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلانغان دونېتسىك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 15 مىنۇت بولغاندا ۋە 58 مىنۇت بولغاندا بىردىن توپ كىرگۈزدى، ناپولى كوماندىسىدىن مىلىك مۇسابىقە داۋاملىشىپ 72 مىنۇت بولغاندا بىر نۇقتا توپ كىرگۈزدى، ناپولى كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى.

دونېتسىك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى 2-1 ناپولى كوماندىسى

G گۇرۇپپا: لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسى 1-1 موناكو كوماندىسى، پورتۇ كوماندىسى 1-3 بېشىكتاش كوماندىسى.

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن پەقەت كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان تۈركىيە بىرلەشمىسى كوماندىسى بېشىكتاش كوماندىسى بىر مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، قىزىل كالا كوماندىسى بىلەن موناكو كوماندىسى تەڭلىشىپ قالدى، ساھىبخان مەيداندىكى پورتۇ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى، بېشىكتاش كوماندىسى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 13 مىنۇت بولغاندا بىر توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋام قىلىپ 21 مىنۇتقا كەلگەندە بېشىكتاش كوماندىسى «خائىن توپ»تىن بىرنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، مۇسابىقە 28 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بېشىكتاش كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەندە بېشىكتاش كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ ئاخىرقى نەتىجىنى 3-1 قىلىپ ئۆزگەرتىپ، بىر مەيدان قىممەتلىك غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

پورتۇ كوماندىسى 1-3 بېشىكتاش كوماندىسى

H گۇرۇپپا: خانلىق مادرىد كوماندىسى 3-0 ئاپوئېل كوماندىسى، توتېنھام كوماندىسى 3-1 دورتموند كوماندىسى.

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن توتېنھام كوماندىسى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

2017-2018-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە باشلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Besiktas2 ئاي ئىلگىرى

    بىشىكتاش ھۇرراااااا....

  • ھۆسەين2 ئاي ئىلگىرى

    لاتارىيە دۇككىندىن ئالمەن ، توردىن ئەپ باقمىدىم .

  • بىرنابۇ2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ مەكتەپكە تاپشۇرداغان 8مىڭ يۇەننى تىكىۋەتكەن بەكمۇ ئەپسۇس ناپولى خەيلى قالۋەتتى

  • ئابدۇسالام2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ئەلەم بولدۇ جۇمۇ پورتو نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن تەڭلەشسەڭمۇ مەيلىتى

  • ئىزدىنىش2 ئاي ئىلگىرى

    ھۈسەينىيە نۇرداش ،لاتارىيە شىركەتلىرى سىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇپتۇ ،سىز پۇتبول لاتارىيەسى ئويناۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟

  • مىسسى2 ئاي ئىلگىرى

    ھۆسەينىيە سىز قايسى ئەپتە ئوينايسىز لاتارىيەنى

  • Mrn Mnr2 ئاي ئىلگىرى

    بەشىكتاش بىلەن خان مادرىدنىڭ تۇتۇشىشىنى بىرئاز خالاپ قالدىم چۈنكى پېپې با ئەمەسمۇ

  • ئۇيغۇر2 ئاي ئىلگىرى

    پو ئىتۋاتامسىلە ھوسەينىيە 30مىڭ كۇي تىكىۋاتامسىلە پۇتپۇلغا نەگە ىمقارساق شۇ گەپ

  • ھۆسەينىيە2 ئاي ئىلگىرى

    پورتۇ بىلەن ناپۇلى ، خەپ سىلەرنى ! قارشى تەرەپنى بوش چاغلاپ قاپتىمەن . ئوتتۇز مىڭ يۈەن يوق بولدى دە . ھەي ئىسىت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号