باش بەت

ئادىلجان

5923يوللانما
34مەستانە

سامسۇڭ Note 8 ئېلىمىز نۇسخىسى جىڭدۇڭ تورىدا زاكاز ئېلىشقا باشلىدى: 6988 يۈەن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:56 13 ئىنكاس چۈشتى

technode تورىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭدا ئاچقان مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۆلەت ئىچى نۇسخىدىكى Note 8نىڭ سېتىلىش باھاسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، 64GBلىق ۋە كۆچمە 4G+ نۇسخىسى، 128GBلىق ۋە 256GBلىق نۇسخىلىرىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم 6988 يۈەن، 7388 يۈەن ۋە 7988 يۈەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىڭدۇڭ تورىدا ئالدىن زاكاز ئېلىشنى باشلىغان بولۇپ، ئابونتلار پەقەت 100 يۈەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ، 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇرۇن قالدۇق پۇلنى تاپشۇرسىلا، 28-سېنتەبىر مال تارقىتىلغاندىن كېيىن يېڭى يانفونغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جىڭدۇڭنىڭ سېتىۋېلىش بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە Note 8 سېتىۋالغۇچىلارغا 239 يۈەن قىممىتىدىكى تىكلىمە شەكىلدىكى تېز سۈرئەت سىمسىز توك قاچىلىغۇچ سوۋغا قىلىنىدىكەن. 

ئۇنىڭدىن باشقا سامسۇڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە يېڭى يانفون سېتىۋېلىش ئېتىبارىنى چىقاردى، 256GBلىق نۇسخىدىكى Note 8نى ئوڭۇشلۇق ئالدىن زاكاز قىلغۇچىلار سامسۇڭ DeX كېڭەيتكۈچى، قىممىتى 668 يۈەن بولغان كۆڭۈل ئېچىش سوۋغات بولىقى ۋە سامسۇڭنىڭ مەخسۇس غوجىدا مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى خىل نۇسخىسىنى ئالدىن زاكاس قىلغۇچىلار 200 يۈەنلىك باھادا يۇقىرىقى مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ωǒじКαη ²º¹⁷5 كۈن ئىلگىرى

    dex ئىكران غا ئۇلايدىغان نەرسىنى ئۇلا ئۈزى سەپ بىرەمدۇ تاللايدىغان يەر يوقكەن 256gb نى زاكاس قىلغانتىم

  • مېھمان5 كۈن ئىلگىرى

    سەنشىڭ مەستانىللىرى ئويلىشىپراق ئشلىتىڭلا يەنە ئايروپىلانغا چىقالمايدىغان ئىش چىقمىغاي

  • 180******036 كۈن ئىلگىرى

    ئاخشام ئولتۇرۇپ مەنما زاكالەت ئۆتكۈزۈپ قويدام،ئىكراننى بوشەنگە قاتناشتۇرۇپ قاي دەپتىم قايسى خىل بوشەننى تالاشنى بىلەلمىدىميا....

  • ئېكىس6 كۈن ئىلگىرى

    قورسىقىدا بىلىمى بارلارنى نەگە كەتكەندۇ دىسەم ئەسلى مەۋەگە كىرىۋاپتىكەندە، بۇندىن كىيىن ئۇدۇللا نۇر مەھەللىسىنىڭ تېخنىكا كوچىسىغا كەلسەم بولغۇدەك.

  • 158******466 كۈن ئىلگىرى

    ئالما ھامان ۋەيران بۇلدۇ

  • 158******466 كۈن ئىلگىرى

    سامسۇڭ ئالمىغا قارغاندا خېردارنى بەكرەك ئويلىشدىكەن

  • 和田CR76 كۈن ئىلگىرى

    ئايلىق مۇئاشىم 5900كەلمەيدىكەن ئەمەسما

  • 和田CR76 كۈن ئىلگىرى

    4000مىڭغا چۈشۈشىنى ساقلايمەن

  • خۇمارىم6 كۈن ئىلگىرى

    سامسۇڭ سېتىۋالغانلارغا تىز زەرەتلىگۈچ سوۋغا قىلىدىكەن تېخى ئەمما سەت كۈلۈپتىمەن ما خەۋەرنى كۆرۈپ بىراق ئالما سېتىۋالغانلارغا ھېچ نەرسە سوۋغا قىلمايدۇ نىمە ئۈچۈن ئالما شۇنچە قىممەت باھالىق تېلفۇن بولسىمۇ نەچچە مىليۇن ئادەملەر ئۆچرەت ساقلاپ سېتىۋالىدۇ بۇنى ئازراق بولسىمۇ قوسقىدا بىلىمى با ئادام چۈشۈنەلەيدۇ

  • قادى6 كۈن ئىلگىرى

    ھەرقايسىڭ چۈشنشەمسەۋە گەلدەكلە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号