باش بەت

نۇسرەتگۈل

7063يوللانما
216مەستانە

قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھالىتىدىكى پەرقلەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:07 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى رۇسىيەلىك داڭلىق گىرىمچىك ئاۋېتىسيان ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە كېلىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھالىتىدىكى پەرقنىڭ زادى قانچىلىك بولىدىغانلىقىغا ئېنىق جاۋاب بەردى.

يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە «ئادەم ئىزدەش ئېلانى» چىقىرىپ يۈز تېرىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ياكى تاشما چىقىپ كەتكەن تاشكەنتلىك قىزلارنى ئىزدىدى. تاشكەنتكە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ بۇ قىزلارغا گىرىم قىلىپ، ئەسلىدە چىرايى تولىمۇ ئادەتتىكىچە قىزلارنى ژۇرنال مۇقاۋىسىغا چىققۇدەك ساھىبجاماللارغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭ گىرىم قىلىش جەريانى سىنغا ئېلىنىپ تورغا يوللانغاندىن كېيىن تورداشلار: «ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. گىرىمنىڭ كۈچى راستىنلا قالتىسكەن!» دېيىشتى.

ئاۋېتىسيان تورداشلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ھەممە ئايال ھوللىۋودنىڭ چولپىنى بولالايدىكەن، شۇنداقمۇ؟ بۇ قىزلارغا گىرىم قىلىۋېتىلسە ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى گىرىمسىز تۇرقى ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ» دېدى. 

ئاۋېستيان بۇ يىل 23 ياشقا كىردى. گەرچە ئۇ بەكلا ياش بولسىمۇ، ئەمما گىرىم قىلىش تېخنىكىسى نۇرغۇن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە ئۇنىڭ نەچچە مىليون مەستانىسى بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号