باش بەت

نۇسرەتگۈل

6493يوللانما
55مەستانە

ئاجرىشىپ كەتكىلى 4 يىل بولغان دېڭ ۋېندى بىلەن موردوك بىللە غىزالاندى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:31 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، دېڭ ۋېندى چوڭ قىزى گىرەيسنى ئېلىپ سابىق يولدىشى موردوك بىلەن چۈشلۈك تاماق يېدى. خوشلىشىدىغاندا ئۇ يەنە موردوكنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇچاقلاپ قويدى.

سۈرەتتىن دېڭ ۋېندىنىڭ مۇلايىملىقى چىقىپ تۇرىدۇ، كىيىملىرى قاملاشقان بەدەن قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. بىراق، موردوك سابىق ئايالى بىلەن كۆرۈشكەندە ئانچە تەبىئىي بولالمىدى.

4 يىل ئىلگىرى ئۇلار ئاجرىشىدىغاندا كەيپىياتى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى.

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى موردوك ئايالىغا ئۇقتۇرۇپمۇ قويماستىن ئاجرىشىش ئىلتىماسى سۇندى. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىككەيلەن ئاجرىشىش كېلىمىشىگە ئىمزا قويدى. ئاجراشقان كۈنى 82 ياشلىق موردوك كۈلرەڭ كاستيۇم كىيىپ، قىزىل گالىستۇك تاقىۋالغان، روھىي كەيپىياتى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ئاجرىشىش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىن موردوك خۇددى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك كۈلۈمسىرەپ قويغانىدى.

بىراق، زەيتۇن يېشىلى رەڭلىك پەلتو كىيىۋالغان دېڭ ۋېندىنىڭ قاپاقلىرى چىڭ تۈرۈلگەن بولۇپ، بىر كېچىدىلا 20 ياش قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتكەنىدى. ئايرىلىدىغاندا دېڭ ۋېندى يەنە موردوكنىڭ مەڭزىگە يەڭگىل بىرنى سۆيۈپ قويغان، ئەمما موردوك بۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قاراپ تۇرغانىدى.

بىراق، 4 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ۋاقىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتتى. ھازىر دېڭ ۋېندى بىكار ۋاقىتلىرىدا ساياھەت قىلىپ، كۈنلىرىنى ناھايىتى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ئېھتىمال ئاجراشقاندىن كېيىن سابىق يولدىشىدىن قىساس ئالىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاتۇشچە6 كۈن ئىلگىرى

    ساختا ساھىبجامال 32ھەرىپ توشتىمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号