باش بەت

ئابدۇجېلىل سەمەت

73يوللانما
0مەستانە

ئىككى قەۋەت ئارىلىقىدا توختاپ قالغان لىفىتتا يەتتەيلەن 80 مىنۇت قاپسىلىپ قالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:55 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9–ئاينىڭ 11–كۈنى كەچتە، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شېڭشى شاڭدۇ قورۇسىدا، تورخانىدىن چىقىپلا لىفىتكە ئولتۇرغان بىر نەچچە ياش شۇنداق قورقۇپ كەتكەن. ئۇلار چىققان لىفىت 4–قەۋەت بىلەن 5–قەۋەت ئارىلىقىدا توختاپ قېلىپ، يا چىقالماي يا چۈشەلمەي تۇرۇپ قالغان.

ئۇلار 5 ئەر، 2 ئايال ئىكەن. يېرىم سائەتچە ھەپىلىشىپمۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان خىزمەتچى خادىملار ئاۋۋال ئىچىدىكىلەرنى چىقىرىۋالماقچى بولغان.

كەچ سائەت 10:18 دە، يەنى 80 مىنۇتتىن كېيىن، قاپسىلىپ قالغانلار ئاخىرى چىقىرىۋېلىنغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، لىفىت قوزغىلىپ بىرەر مېتىرچە كۆتۈرۈلۈپلا توختاپ قالغان، ئۇلار ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇنىڭ ئىچى ئىسسىق ھەم دىمىق بولۇپ كەتكەن.

سودا سارايدىكى تىجارەتچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ لىفىتنىڭ ئورنىتىلغىنىغا تېخى ئۇزۇن بولمىغان، بۇرۇنقىسى بۇزۇلۇپ قېلىپ بۇنىڭغا ئالماشتۇرغان ئىكەن.

قاپسىلىپ قالغانلار چىقىرىۋېلىنغاندىن كېيىن، سودا ساراي ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى لىفىتتا كاشىلا كۆرۈلۈشتىكى كونكېرت سەۋەبلەرنى تەكشۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号